باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھات خەرىتىسى ئېنىق بېكىتىلىپ بولدى

2013.12.18 10:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، جەمئىيەتنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى نوپۇس تۈزۈمى ئسلاھاتى يول خەرىتىسى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ئېنىق بېكىتىلىپ بولدى، بازار ۋە كىچىك شەھەرلەردە نوپۇس تۇرغۇزۇشقا قويۇلغان چەك بوشىتىلىپ، ئوتتۇرا شەھەلەردە نوپۇسقا قويۇلغان چەك تەرتىپلىك قويۇپ بېرىلىپ، چوڭ شەھەرلەردە نوپۇس تۇرغۇزۇش شەرتى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، ئالاھىدە چوڭ شەھەلەردە نوپۇس كۆلىمى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ، خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ 4 جۈملە سۆز ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىم نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشنىڭ يول خەرىتىسى، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ــ نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق شەھەر بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ تەرتىپلىك شەھەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسلىق ۋەزىپە ــ يېزا ئىگىلىكىدىن شەھەر بازارلارغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان نوپۇسنى نوپۇسقا ئېلىش مەسلىسىنى ھەل قىلىپ، نوپۇسنى شەھەر بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، شەھەر بازارلارنىڭ ئاساسلىق ئاممىۋىي مۇلازىمىتىنى دائىمىي تۇرۇشلۇق بارلىق نوپۇستا قاپلىنىشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر