باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى قەسەمياد يىغىنى ئېچىپ، كىمجۇڭئۇننى جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.12.17 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر پيوڭياڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى 16-چېسلا پىوڭياڭ شەھىرىدىكى گېمسۇسان تاياڭگۇڭزەن مەيدانىدا قەسەمياد يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، كىمجۇڭئۇننى جان تىكىپ قوغداش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى باش سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلىقى چۆ ريۇڭھې قەسەمياد يىغىنىدا قەسەمنامە ئوقۇپ مۇنداق دېگەن: خەلق ئارمىيەسى كىم جۇڭئىلنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە رەھبەرلىكنىڭ بىردىنبىر يادروسى بولغان كىمجۇڭئۇننى ھىمايە قىلىدۇ ۋە جان تىكىپ قوغدايدۇ. خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ كىم ئېرسىن، كىم جۇڭئىل ۋە كىم جۇڭئۇننىڭ ئارمىيەسى، چاۋشيەننىڭ مىلتىقىكىم جۇڭئۇننى جان تىكىپ قوغدايدۇ، پەقەت كىم جۇڭئۇننىڭلا رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان مىلتىق بولىدۇ. (مۇخبىر دۇ بەييۈ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر