باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

تەلىم-تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن ئورۇن رەھبەرلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا نەزەر

2013.12.13 09:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنتەبىرنىڭ باشلىرىدىن دېكابىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئۈچ ئايدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى تەلىم-تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان 259 ئورۇن رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئاچتى.

  باش سېكرېتار شى جىنپىڭ 22-ئىيۇندىن 25-ئىيۇنغىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندىن بۇرۇن، مەركەز ئىلگىرى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان 17 يولداش ۋە باشقا 478 يولداشنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە بولغان پىكرىنى ئالدى. بۇ مەخسۇس يىغىن ئەمەلىيەتتە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بىر قېتىملىق يۇقىرى سۈپەتلىك مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى بولۇپ قالدى.

  باش سېكرېتار شى جىنپىڭ 23-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە بولغان تۆت يېرىم كۈندە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭ گۇاڭشىغا، جاڭ دېجياڭ جياڭسۇغا، يۈ جېڭشېڭ گەنسۇغا، ليۇ يۈنشەن جېجياڭغا، ۋاڭ چىشەن خېيلۇڭجياڭغا، جاڭ گاۋلى سىچۈەنگە بېرىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرىغا قاتناشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىغا ئەزا يولداشلار ئالاقە نۇقتىسى بولغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرىنىڭ بارلىق جەريانىغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ-پارتىيە قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ قالدى.

  مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 7-دېكابىرغىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى تەلىم-تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئورۇنلار رەھبەرلىك كوللېكتىپلىرىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرى تولۇق ئېچىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكوم دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تۆت يېرىم كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشتى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ 128 ئورگىنىنىڭ تارماق ئورۇنلىرى پارتگۇرۇپپىسى ياكى پارتكومى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرى ئىككى يېرىم كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشتى، مەركەز باشقۇرىدىغان 15 پۇل مۇئامىلە كارخانىسى ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان 53 كارخانا پارتگۇرۇپپىسى ياكى پارتكومى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرى ئۈچ يېرىم كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشتى، مەركەز بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان 31 ئالىي مەكتەپ پارتگۇرۇپپىسى ياكى پارتكومى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرى ئۈچ يېرىم كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشتى.

  ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار ئىچىدە، 27 كوللېكتىپ ۋە 291 دائىمىي كومىتېت ئەزاسى روھىدىكى نۇقسانلارنى تەكشۈردى، بەزىلىرى شەخسىي نام-مەنپەئەتكە ئىگە بولۇش-بولماسلىققا جىددىي قارىدى؛ 31 كوللېكتىپ ۋە 334 دائىمىي كومىتېت ئەزاسى خەلق چاكىرىلىق ئېڭى ۋە ئامما ھېسسىياتىنىڭ سۇسلۇقىنى تەكشۈردى؛ 23 كوللېكتىپ ۋە 293 دائىمىي كومىتېت ئەزاسى دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى، پارتىيە تۇرمۇشىدىكى چېنىقىشنىڭ قاتتىق بولماسلىقىنى تەكشۈردى. ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئالتە مىنىستىرلىق، كومىتېت ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان بەش پۇل مۇئامىلە كارخانىسى كوللېكتىپتا پەيدا بولغان ئېغىر دېلولارنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلدى، بەزى ئورۇنلار يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئېغىر بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ كەينىدىكى ئىستىل سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى.

  ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ 400 ئەزاسى ئىچىدىكى 228 ئادەم ئادەمگەرچىلىك تامىقى يېيىش، ئادەمگەرچىلىك ھارىقى ئىچىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى تەكشۈردى، بىر قىسىم يولداشلار بالا-ۋاقىلىرى ۋە يېنىدىكى خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇشى قاتتىق بولماسلىق مەسىلىسىنى تەكشۈردى، بەزى يولداشلار ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش مەسىلىسىنى تەكشۈردى.

  چوڭ تەكشۈرۈش بولسا چوڭ تازىلاشنى، پاكلىنىش بولسا ئىللەتلەرنى داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە، تۇنجى تۈركۈمدىكى تەلىم-تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈزۈم ئورنىتىش باسقۇچىغا كىردى، يۇقىرى سۈپەتلىك دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى سېلىپ بەرگەن پۇختا ئاساس-تەلىم-تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە تېخىمۇ مول نەتىجىگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر