باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىلمىي تەرەققىياتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىش يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتايلى

2013.12.17 13:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە مۇلاھىزە

  ‹‹جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلى چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتىدۇ ۋە قۇرۇلما تەڭشىلىۋاتىدۇ. بۇ، قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. قۇرۇلمىنى تەڭشەش داۋامىدا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق، پىشىپ يېتىلىش جەريانىدا باش قېتىنچىلىقنىڭ بولۇشى مۇقەررەر، ئەمما بۇلار ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدۇ››.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىدا: تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، ‹‹باتۇر، كەسكىن›› بولۇپ ۋە قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى تېزدىن ئۆزگەرتكەندىلا، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.

  ئىقتىساد مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، دۇنياغا تەرەققىيات ئىشەنچىدىن بېشارەت بەردى

  2013 – يىلى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىدا كىشىنى رازى قىلىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، يەر شارى ئىقتىسادىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

  ئەڭ يېڭى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا ئېلىمىزنىڭ مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال، ئېكسپورت قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرىدە ئومۇمەن ئۆرلەش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن، نويابىردا ئېكسپورت %12.7 ئېشىپ، تارىختا يەنە رېكورت يارىتىلغان. مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ‹‹ئۇدا ئون يىل ئېشىش›› ئىشقا ئاشقان.

  يىللىق ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، 3 – پەسىلدە GDP %7.8 ئېشىپ، ئالدىنقى ئىككى پەسىلدىكى ئۇدا كېمىيىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىن گۇمانلىنىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇلغان.

  ‹‹جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئىشەنچىم كامىل... جۇڭگو ئىقتىسادى ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە باشقا ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر كۆزلىمە نىشان ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەممە ئىش مۆلچەرىمىزدىكىدەك بولدى، تاسادىپىيلىق كۆرۈلمىدى››، دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىر بالى ئارىلىدا دۇنياغا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى يەتكۈزۈپ.

  ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى

  ‹‹ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى تېزلىتىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، بۇنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. خەلقئارا رىقابەت ئەزەلدىن ۋاقىت بىلەن سۈرئەتنىڭ رىقابىتى، كىمنىڭ ھەرىكىتى چاققان بولسا، شۇ پايدىلىق ئورۇن ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەيدۇ؛ كىمنىڭ ھەرىكىتى ئاستا بولسا، شۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالىدۇ››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ھازىر، جۇڭگو ئىقتىسادى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن سىجىل تەرەققىي قىلالايدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا سەگەك بولۇپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى:

  كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىغا قارىتا، دۆلەت ‹‹ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانى››نى ئېلان قىلدى، گوۋۇيۈەن ئالاقىدار يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ۋەدىنامىسى تۈزدى.

  ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن ‹‹ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كېتىش زىددىيىتىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش زىددىيىتىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنىڭ يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقتى.

  گۈللەنمە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتا، ئۇچۇرچىلىق، ساغلاملىق مۇلازىمىتى، فوتوۋولت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى سىياسەت – تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلدى ھەم ئەلئارا كاپىتالنىڭ بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىشنى تېزلەتتى.

  ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسى ئېچىلدى

  ھازىر ئېلىمىز ئىقتىسادى مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتەك ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەشتە يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى نىسبەتەن كۆپ بولۇش، ئەمگەك كۈچى قىس بولۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولۇش مەسىلىسى تەڭ مەۋجۇت بولۇش، مۇھىت مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇش... قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى سىنىماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ: ‹‹كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تەرەققىيات دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن باشقا يول يوق›› دېگەن سۆزى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يول خەرىتىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسى ئېچىلدى. نۇرغۇن ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئىچىدە، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئىسلاھات بۆسۈش ئېغىزى دەپ قارالدى.

  ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇ، ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ››. جۇڭگو ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندىلا، خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىدە پايدىلىق ئورۇنغا ئېرىشەلەيدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16 – دېكابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر