باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2013.12.19 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنىستىر لى كېچياڭ 18-دېكابىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، چىڭخەي ئۈچ دەريا مەنبىي ئىكولوگىيەسىنى قوغداش، گەنسۇ ئۆلكىسىدە دۆلەت دەرىجىلىك بىخەتەرلىك تۇسىقى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇش، بېيجىڭ، تىيەنجىن قۇم-بوران مەنبىيىنى تېزگىنللەش، مەملىكەت بويىچە بەش چوڭ كۆل سۇيى مۇھىتىنى تېزگىنللەش قاتارلىق بىر تۈركۈم زور ئىكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرستىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىكولوگىيە مەدەنىيىلىكى بەرپا قىلىش، ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى باشتىن ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان مەنبىيىدىن ئاسراش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

  يىغىندا ماقۇللانغان«چىڭخەي ئۈچ دەريا مەنبىي ئىكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە قۇرۇشنىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش پىلانى»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەجرىبىنى خۇلاسىلىگەن ئاساستا، تېزگىنللەش دائىرىسىنى 152مىڭ كوۋادرات كىلومېتردىن 395مىڭ كۇۋادرات كىلومېترغىچە كېڭەيتىپ، يايلاق، ئورمان، قۇملۇق، نەملىك ۋە دەريا كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەسى ئاجىزلاش ۋەزىيىتىنى تۈپتىن تېزگىنللەپ، مىللەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا تايانچ بولىدىغان «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  يىغىندا ماقۇللانغان « گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش، دۆلەتنىڭ ئىكولوگىيە بىخەتەرلىك تۇسىقى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇش ئومۇمىي لاھىيەسىدە»دا مۇنداق كۆرستىلىدى: گەنسۇ ئۆلكىسى چىڭخەي شىزاڭ ئېگىزلىكى، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك، ئىچكى موڭغول ئېگىزلىكى كېسىششكەن جايغا جايلاشقان، دۆلەت ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىستراتىگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. ئاساسى ئىقتىدارلىق رايون پىلانىنى يولغا قويۇش، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، غەربىي شىمال ھەتتا پۇتۇن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك تۇسىقىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا بېيجىڭ تىيەنجىن قۇم بوران مەنبىيىنى تېزگىنللەش قۇرۇلۇشى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، مۇنۇلار تەكىتلەندى: بېيجىڭ تىيەنجىن قۇم بوران مەنبىيىنى تېزگىنللەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا ئېلىمىزنىڭ شىمالىنىڭ قۇم مۇداپىئە بەلبىغىنى مۇستەھكەملەپ، تۇپا توزان خەتىرىنى تېزگىنللەش ھەممىدىن مۇھىم.

  يىغىندا «سۇ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئومۇمىي پىلانى» ماقۇللىنىپ مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نۇقتىلىق ۋادىلار سۇيىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇ سۇپىتى بىر قەدەر ناچار كۆللەرنى مەركەزلىك تېزگىنللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي شىمال، ئىچكى موڭغۇل شىنجاڭ، چىڭخەي شىزاڭ، يۈننەن گۇيجۇ ۋە شەرقى قىسىمدىكى بەش چوڭ كۆل رايونىدىكى سۇ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى كۆللەرنى رايون بويىچە قوغداش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر