باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2013.12.25 09:38   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 23-، 24-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىپ، يېزا ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە يۆنىلىشلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم مەسىلىنى چوڭقۇر، سىستېمىلىق شەرھلىدى شۇنداقلا ئېنىق تەلەپ قويدى. لى كېچياڭ سۆزىدە، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى ھەم ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار خىزمىتى فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھاتى يېزىلاردىن باشلانغان، يېزا ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى-خەلق تۇرمۇشىدا كىيىنىش، تويۇنۇش يېتەرسىز بولۇشتىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن ئىبارەت تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەتەرلەرنى يېڭىش، جەمئىيەت ئومۇملۇقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش-يەتمەسلىكتە يۇرتداشلارغا قاراش كېرەك. بىز يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى بېقىش، شەھەرلەر يېزىلارنى يۆلەش، كۆپ بېرىپ، ئاز ئېلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا ئېتىبار بېرىش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز-نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەت، يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش باشتىن-ئاخىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئىش. ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ مۇھىم ئىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق بىلەن ئاساسەن ئۆزىمىزنى تەمىنلەش، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، بىر مىليارد 800 مىليون مولۇق تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى يەنىلا چىڭ تۇتۇش شۇنداقلا ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ ئاساسەن مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىلىغىچە، يۈز مىليون ئەتراپىدىكى شەھەرلەرگە كىرگەن دائىملىق يېزا ئىگىلىك كۆچمە نوپۇسىنىڭ شەھەر-بازار نوپۇسىغا كىرىش، يۈز مىليون ئەتراپىدىكى نوپۇسقا ئىگە شەھەر-بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەر ۋە شەھەر يېزىلىرىنى ئۆزگەرتىش، يۈز مىليون ئەتراپىدىكى نوپۇسقا ئىگە ئوتتۇرا، غەربىي رايوننى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەڭ قەدەمدە مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى تېرىشىپ تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكرى» مۇزاكىرە قىلىندى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
      ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
      ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
      ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
      ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
      ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ 
      ·ئەنئەنىۋىي بالىلار ئويۇنى