باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۈگۈندىن باشلاپ يالغۇز پەرزەنتلىكلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنى قاراپ چىقىدۇ

2013.12.24 19:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى قارارلايىھەسى» قاراپ چىقىلىدۇ. ياشانغانلار تېز كۆپىيىشنىڭ بېسىمى ئاستىدا، «بىر پەرزەنتلىك بولۇش ياخشى» دېيىلگەن سىياسەتنىڭ ئورنىغا «يالغۇز پەرزەنتلىكلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش»تەك يېڭى سىياسەت دەسسىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، ئەينى يىللاردا «ئاممىغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش» مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان يالغۇز پەرزەنت مۇكاپات پۇلىمۇداۋاملىق يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ مۇكاپات كۆپ قىسىم ئۆلكىلەردەكىشى بېشىغا ئېيىغا 5~30 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە بېرىلگەچكە، ياش ئەر-ئاياللار بۇ سىياسەتنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كېتىۋاتىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: بۇ مۇكاپات يالغۇز پەرزەنتلىكلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش سىياسىتى ۋە كەلگۈسىدە يولغا قويۇلىدىغان ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى بىلەن زىتلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ۋاقىتمۇ كېلىپ قالدى. بىراق، يالغۇز پەرزەنتلىك بولغان، ھازىر ياشىنىپ قالغان ئائىلىلەرگە مۇناسىپ ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۈتۈنۈش يۈكىنى يەڭگىللىتىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر