باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹ئىككى بايرام›› مەزگىلىدە، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى مەخسۇس مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2013.12.24 16:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 23 – دېكابىر تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 23 – دېكابىر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاچقان خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق دېلولارنى مەخسۇس مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىگە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى يىل بايرىمى، چاغاننىڭ ئالدى – كەينىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى مەخسۇس مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەت ئەمگەك ھەققىنى سۈرۈشتۈرۈش، بېقىش ھەققى، تۇرمۇش پۇلى، نەپىقە پۇلى، داۋالىنىش زىيىنى تۆلىمى، قاتناش ھادىسىسى جىسمانىي زەخىم تۆلىمى، ئىشتا يارىلىنىش تۆلىمى، شۇنداقلا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تاختاي ئېسىپ بېجىرىشىنى نازارەت قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك دېلو قاتارلىق ئون چوڭ تۈرگە نۇقتىلىق قارىتىلغان بولۇپ، ئۈچ باسقۇچتا تاماملاش مۆلچەرلەنگەن؛ 1 – باسقۇچتا، ئون كۈنچە ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، مەخسۇس ھەرىكەتتە بايقالغان دېلولارنىڭ سانى رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىدىكەن؛ 2 – باسقۇچتا، بەش ئايچە ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، مەخسۇس دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن؛ 3 – باسقۇچتا، تەجرىبىلەر خۇلاسىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ماس كېلىدىغان تېز ئىجرا قىلىش مېخانىزمى، ئالدىن ئىجرا قىلىش مېخانىزمى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجرا قىلىش مېخانىزمى قاتارلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزملارنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىنىدىكەن.

  چاغاننىڭ ئالدى – كەينى يۇقىرى ئىستېمال پائالىيىتى مەركەزلىشىدىغان ۋاقىت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن ج خ، تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئادا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، ئادا قىلمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنى قانۇن بويىچە ‹‹قارا تىزىملىك››كە كىرگۈزۈشنى ھەم ‹‹قارا تىزىملىك››نى يۇقىرى ئىستېمالنى چەكلەش، چېگرادىن چىقىشنى چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ئىستېمال ئەھۋالى ۋە دېرىكىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر