باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا %15 ئۆستۈرۈلدى

2013.12.26 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى بۈگۈن گوۋۇيۈەنگە ۋەكالىتەن،12-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئوتتۇرا مەزگىللىك باھا دوكلاتىبەردى. دوكلات مۇنداق دەپ قارالدى:خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە، كىرىم تەقسىماتى پەرقى بىر ئاز كىچىكلىدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، ئالدىنقى ئىككى يىلدا، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىلكىي كىرىمى ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ساپ كىرىمىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا %15 كە يېقىن ئۆستۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتى پەرقى بىرئاز كىچىكلىدى. شەھەر-بازارلاردا كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى زورايتىلىپ، 2013-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 22 مىليون 640 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇقۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلاندى؛ پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇلغاچقا، ئالدىنقى ئىككى يىلدا، ئومۇمىي نوپۇس يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى4.9 پىرسەنت پوئىنتى بولۇپ، «پىروگرامما»دا بەلگىلەنگەن 7.2 پىرسەنت پوئىنتىلىق تىزگىنلەش نىشانىدىن تۆۋەن بولدى.(مۇخبىر ليۇ رۇڭ خەۋىرى)

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر