باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمى ھەققىدىكى قارار قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

2013.12.26 17:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالتىنچى سانلىق يىغىنىنىڭ گۇرۇپپىلار يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى،يىغىندا «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش مەسىلىسى ھەققىدىكى قارار»ى ۋە «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشكە تولۇقلىما بېرىش بەلگىلىمىسى» نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە ، تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارار لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.

  ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش لايىھەسىگە گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىلغاندا، يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىپىدىكى خادىملار، مەخسۇس كومىتېت ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇللىرى شۇنداقلا قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مۇنداق دەپ قارىدى: لايىھەدە ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنىڭ تارىخىي رولى يەكۈنلىنىش ئاساسىدا ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دېموكراتىك قانۇنچىلىق تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ شۇنداقلا ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك قانۇنىي ئېنىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، مەسىلە ھەر تەرەپتىن ئويلىشىلغان،ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك.

  يىغىنغا قاتناشقانلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمى قانۇن بويىچە يولغا قويۇلغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزگەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەر تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىۋىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە زەھەر چەكلەش قانۇنى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشتا جازا بېرىش قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالايدىغان قانۇنلارنىڭ ئارقا ئارقىدىن چىقىرىلىپ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشكە باپ كېلىدىغان قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇن بويىچە ئاساسەن مۇناسىپ جازا بىلەن تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىلىپ، تەرتىپ تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى قوللىنىش دائىرىسى يىلمۇ يىل ئازايدى ھەتتا ئاساسەن توختاپ قالدى، ھازىر ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى، بۇ لايىھەنى ماقۇللاشقا بولىدۇ.

  تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارار لايىھەسىگە گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىلغاندا يىغىنغا قاتناشقان خادىملار مۇنداق دەپ قارىدى: تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ــ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار قارار چىقىرىشى زۆرۈر. قارار لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ : ئەر ئايال بىر تەرەپ يالغۇر پەرزەنت بولسا ئىككى بالىلىق بولسا بولىدۇ دېگەن سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە چىقارغان قارارى پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش ۋە نوپۇس، پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىنى مۇقىم تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر