باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى

جەنۇبىي شىنجاڭ ئەل ئىچى ساپال سەنئەتكارى سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلىدى(1)

2013.12.27 16:34   مەنبە: خەلق تورى

جەنۇبىي شىنجاڭ ئەل ئىچى ساپال سەنئەتكارى سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلىدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى سايباغ كەنتىدىكى ساپال سەنئەتكارى ھاجى ئەمەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك ساپال ھۈنەر سەنئىتى ۋارىسى، ئۇ ياسىغان ساپال بۇيۇملار يۈز تۈردىن ئېشىپ، يىللىق سېتىلىش سوممىسى 400 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئۆتكەن يىلى ھاجى ئەمەت قۇرغان ساپال قول ھۈنەر سەنئەتكارلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىۋى شۇ يەرلىك 40 نەچچە دېھقاننى قوبۇل قىلىپ، ساپال ياساش ھۈنەر سەنئىتىنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، ئورتاق بېيىدى. ھاجى ئەمەت ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى ساپال مىللىي ھۈنەر سەنئىتىنىڭ 6-ئەۋلات ۋارىسى، ئۇ پىشۇرغان نەپىس فارفۇر بۇيۇملار يەرلىك ساپال چىنە، يەرلىك ساپال تەخسە، چەينەك، پەتنۇس قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، قويۇق يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز