باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2020 – يىلىغىچە شىنجاڭدا بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ 20 گە يەتكۈزۈلىدۇ

2013.12.27 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى خەۋىرى/ ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن 25 – دېكابىر ئىگىلىشىمچە، قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىدىكى «ئالتۇن توغراقلىق» سەيلىگاھى بۇ يىل ئۆكتەبىردە دۆلەت بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ نامىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈرۈمچى «تەڭرىتاغ جىلغىسى» سەيلىگاھىمۇ دۆلەتلىك بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ نامىغا ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇ نامغا نائىل بولغان 6 – يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ بولۇپ قالغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى خەلق ئىگىلىكىدىكى ستراتېگىيەلىك ئۇل كەسىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم كەسىپ قىلىش، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ساياھەت نىشانىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە «شىنجاڭ ساياھەتچىلىك كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئۈچ يىللىق پىلانى» تۈزۈپ چىقىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەتلىك بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھلارنى كۈچەپ كۆپەيتىش، «12 – بەش» يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھنى 10 غا، «13 – بەش» يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھنى 20 گە يەتكۈزۈش قارار قىلىندى. بايىنغولىن ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستى، بۆرتالا ئوبلاستى، تۇرپان ۋە قۇمۇل ۋىلايەتلىرى ئۆز جايلىرىدا دۆلەتلىك بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ قۇرۇلۇشىنى ھۆكۈمەتنىڭ كۈندىلىك خىزمەت كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزدى. ئۈرۈمچى شەھىرى يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ قۇرۇلۇشىغا ھەر يىلى 20 مىليون يۈەندىن ئاجرىتىپ كەلدى ھەم 2015 – يىلىغىچە 200 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى ھەمدە بىر بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ قۇرۇلسا 2 مىليون يۈەن بىلەن، بىر تۆت A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ قۇرۇلسا 1 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى. قەشقەر ۋىلايىتى 2015 – يىلىغىچە ئىككى بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ، 10 تۆت A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ، 22 ئۈچ A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدى. بايىنغولىن ئوبلاستى 2014 – يىلى باغراش كۆلى سەيلىگاھىنى بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنئام نەسىردىن ماڭا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا تۆت A، بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھلار كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر سانى ۋە قىلغان ساياھەت كىرىمى ئاپتونوم رايوندىكى سەيلىگاھلار ئومۇمىي سانىنىڭ % 80 نى ئىگىلەيدۇ، يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھلار ھازىر شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشتىكى كوزېر بولۇپ قالدى. يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھلار بولۇپمۇ تۆت A، بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھلار بولمىسا شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، سەيلىگاھلارنىڭ تەرەققىياتى بولمىسا، ساياھەت كەسپى تەرەققىياتى بولمايدۇ. بۇ قېتىم ئۈرۈمچى «تەڭرىتاغ جىلغىسى» سەيلىگاھىنىڭ دۆلەتلىك بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ نامىغا ئېرىشىشى ئۈرۈمچى رايونىدا بەش يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپەيگەن 2 – بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ بولدى.

  ئىگىلىشىمچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ سانى 224 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ ئالتە، تۆت A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ 46 گە يەتكەن، سەيلىگاھ تۈرى ئادەتتىكى ساياھەت ئورنى بولۇشتىن، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئۆلچىمىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان كۆپ تەرەپلىمىلىك سەيلىگاھ بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى)

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر