باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چىرىكلىك سەتچىلىكى ئەردوئان ھۆكۈمىتىنى چۆچىتتى

2013.12.30 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئەردوئان يېقىندا ئىستېپا بەرگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، ئىقتىساد مىنىستىرى، مۇھىت ۋە شەھەرلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 مىنىستىرنى ئالماشتۇردى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ 10 كىشى تۈركىيە كابىنېتىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ، دېدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بولسا: تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مۆلچەرىدە چوڭ داۋالغۇش بولىدۇ، تەكشۈرگۈچىلەر دىققىتىنى ئەردوئاننىڭ ئوغلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتقا قارىتىدۇ. ئەردوئاننىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن، دېدى.

  يېقىندا گېرمانىيەدە چىقىدىغان «بېرلىن گېزىتى»دە ئەردوئان تەڭ قىسلىقتا قالدى دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ، چىرىكلىك سەتچىلىكى ئەردوئان ھۆكۈمىتىنى چۆچىتتى، كابىنېت ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇش تۈركىيە دۇچ كەلگەن مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەگەر ئەردوئان ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىنى داۋاملىق تەكشۈرسە، تېخىمۇ چوڭ ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، چىرىكلىك ئەڭ كىچىك مەسىلە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ تەختىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدۇ، دېيىلدى.

  گېرمانىيەدە چىقدىغان «فىرانكىفورت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بولسا، چىرىكلىك سەتچىلىكى تۈركىيەنى تەۋرىتىپ قويدى، بىر ھەپتىگە سوزۇلغان ھۆكۈمەتكە قارشى شامال بارغانسېرى كۈچەيدى، ئەردوئان ھۆكۈمەت كابىنېتىدىكى 26 ئورۇن ئىچىدىكى 10 ئورۇننى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، لېكىن ھۆكۈمەت كىرىزىسى ياخشىنىلاي دېمىدى. تۈركىيەدە بۇ يىل كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۈزۈلمىدى، قارشى تۇرغۇچىلار ئەردوئاننىڭ رولىدىن رازى بولمىدى، ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە باشقا شەھەرلەردە كىشىلەر ئۈزلۈكسىز كوچىغا چىقىۋېلىپ ئەردوئاننىڭ تەختتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلدى، دېيىلدى.

  17-دېكابىر، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى نۇرغۇن مىنىستىر دەرىجلىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىككە چېتىلغان سەتچىلىكى ئاشكارىلانغان كېيىن بۇ ئىش ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئەردوئاننىڭ تەخىتتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلىدىغان سادالارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 26-دېكابىر، تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك چىرىكلىككە قارشى مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشى ئەردوئان شۇنداقلا ئۇ تەۋە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 2008-يىلدىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ سىياسىي خىرىس ھېسابلىنىدۇ، دېدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قوللىمىدى، ئەردوئانمۇ بۇ قېتىمقى ئاتالمىش چىرىكلىككە قارشى ھەرىكەتنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قسىم كۈچلەر كونترول قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى، ھەمدە تۈركىيە ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سۇيقەستنىڭ نىشانى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

  رېيتىر ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: تۈركىيەدىكى ئوبزورچىلارنىڭ ھېسابلىشىچە، بۇ قېتىمقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىغا ئەردوئان ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ دىنىي داھىسى فېيتۇللا گۈلەننىڭ ئاداۋىتى يوشۇرۇنغان ئىكەن. 1999-يىلى، گۈلەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىنىپ تۈركىيەدىن ئايرىلغان، كېيىن بىگۇناھلىقى ئسپاتلانغان، لېكىن ئۇ تۈركىيەگە قايتىپ كەلمىگەن، ھازىر ئامېرىكىنىڭ پېنسىۋانىيا ئىشتاتىدۇ تۇرىۋاتىدۇ. گۈلەن تۈركىيەدە زور تەسىر كۈچكە ئىگە، ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر تۈركىيەنىڭ ساقچى ۋە ئەدلىيە ساھەسىگىچە تارقالغان. سىرتتىكىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل چوڭقۇر ئاداۋەت تۈركىيەدە دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت شەكىللەندۈرۈپ ھازىرقى ھۆكۈمەت بىلەن ئورۇن تالاشىشقا سەۋەب بولغان. لېكىن گۈلەن ئۆزى بۇ قېتىمقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەردوئان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا گۈلەن بىلەن سىياسىي ۋە دىنى ئىتتىپاق قۇرغان، كېيىن بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇھىم مەسىلىلەردە پىكرى بىر يەردىن چىقمىغاچقا، زىددىيىتى كۈچىيىپ كەتكەن.

  قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تورىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل 11-ئايدا، تۈركىيەدە چىقىدىغان «تاراف» گېزىتىدە تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەت ئاشكارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدىكى گۈلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى قاتتىق جازالاش تەكلىپىمۇ بار. 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەييارلىق كۇرۇس تۈزۈمىدىكى خۇسۇسىي مەكتەپلەرنى تاقاش پىلانىنى ئاشكارىلاپ نۇرغۇن تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. گۈلەننىڭ تۈركىيەدە نۇرغۇن تەييارلىق كۇرۇس تۈزۈمىدىكى مەكتەپلىرى بار، بۇ خىل مەكتەپلەر گۈلەننىڭ بايلىق ۋە ئادەم كۈچى توپلايدىغان مۇھىم ۋاسىتىسى.

  گېرمانىيەدە چىقىدىغان «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرىدە، ئەردوئان جىددىي پەيتتە كابىنېتتىكى نۇرغۇن مىنىستىرلارنى ئالماشتۇرىۋەتتى، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا بۇنىڭ ئۈنۈمى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. ئەردوئان كۈچلۈك رەقىبكە ئۇچرىدى. چىرىكلىككە قارشى تەكشۈرۈش ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىندارچىلىقىنى كۆرسىتىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ نېرۋىسىغا تەگدى. ئەردوئان دۇچ كەلگەن چىرىكلىك كىرىزىسى، ئىشەنچ كىرىزىسى كېلەركى قېتىمى سايلامدا ئۇنى مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ تۈركىيەنى گۈللەندۈرۈپ كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىمۇ بەربات بولىشى مۇمكىن، دېيىلدى.

  رېيتىر ئاگېتنلىقنىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرىدە، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە ئەردوئان بۇ قېتىمقى كابىنېت ئەزالىرىنى تەڭشەش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىي كۈچىنى تەشكىللەپ، ساقچى تارماقلىرىنى كونترول قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى. ئەردوئان بۇ قېتىم كۆرسەتكەن 10 كابىنېت ئەزاسى ئەردوئانغا ئىنتايىن سادىق كىشىلەر، دېيىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر