باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خام چوت لايىھەسىنى ئىمزالىدى

2013.12.27 17:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئاقساراي 26-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پىرېزىدېنت ئوباما 2014-يىللىق مالىيە يىلى بىلەن 2015-يىللىق مالىيە يىلى توغرىسىدىكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى خام چوتى لايىھەسىنى ئىمزالىدى، بۇنىڭ بىلەن فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە بۇ يىل 10-ئايدا كۆرۈلگەن كىرىزىسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئوباما شۇ كۈنى ئىككى مالىيە يىلى توغرىسىدىكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى خام چوت لايىھەسىنى ئىمزالىدى، ئۇندىن باشقا يەنە 2014-يىللىق مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى، جەمئىي 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ۋە ئۇرۇش راسخوتىنى تەستىقلىدى. ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭىشى پالاتاسى 12-دېكابىر ۋە 18-دېكابىر دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ھاسىل قىلغان بۇ ئىككى مالىيە يىلى توغرىسىدىكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خام چوت لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئايرىم-ئايرىم ھالدا ماقۇللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر