باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى فۇجيەندە كۆرگەزمە قىلىندى

2013.12.30 16:00        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-دېكابىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىلەن فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، «غەربىي يۇرت گۆھەرلىرى» نى تونۇشتۇرۇش باش تېما قىلىنغان شىنجاڭ مىللىيچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى فۇجيەن ئۆلكىسىدە باشلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنىدىغان ئەسەرلەر ساپال بۇيۇملار، ياغاچ قوراللار، مىس قوراللار، قول-ھۈنەر بۇيۇملىرى ۋە مىللىيچە چالغۇ قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق بۇيۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، كۆرگەزمە 2014-يىلى 20-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  كۆرگەزمەخانا ئىشىكىدىن كىرگەندىلا، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر جۈپ مىس چۆگۈن كۆزگە چېلىقىدىكەن، بۇ مىس چۆگۈنلەر شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياخشى كۆرىدىغان بېزىكى بولۇپ، ھويلىغا ياكى ئىشىك ئالدىغا تىزىپ قويىلىدىكەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ مىس چۆگۈنلەرنىڭ ئېغىزى مەسچىتنىڭ چوققىسىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، قويۇق مىللىي پۇراق ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن. مىس قوراللاردىن باشقا، شىنجاڭنىڭ يۇڭ ئەدىيالىمۇ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر