باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئاچتى

2013.12.30 15:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زامانىۋى كۆمۈركان ئۆلچىمى، دالا تەنھەرىكىتى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئۇقتۇرۇشى ۋە توكسىكلىت باشقۇرۇش چارىسى مۇزاكىرە قىلىندى

  شىنجېڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 27 – دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 13 – قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زامانىۋى كۆمۈر كان ئۆلچىمى››، ‹‹دالا تەنھەرىكىتى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› ۋە ‹‹توكسىكلىت باشقۇرۇش چارىسى (لايىھە)›› مۇزاكىرە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دېيلدى: كۆمۈر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تايانچ كەسپى، كۆمۈر بايلىقىنى تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىش يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى، بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلگەن، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى بولغان بىر تۈركۈم زامانىۋى كۆمۈر كان قۇرۇشنى تېزلىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زامانىۋى كۆمۈر كان ئۆلچىمى›› (تۆۋەندە ‹‹ئۆلچەم›› دەپ قىسقارتىپ ئېلىنىدۇ)دە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ‹‹ئۆلچەم››دىكى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئۈسكۈنىلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، قوشۇننى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، زامانىۋى كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى ئۈنۈمنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، زىچ ماسلىشىپ، كارخانىلارنى ‹‹ئۆلچەم››نى ئىزچىللاشتۇرۇش يولغا قويۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈر سانائىتىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر سانائىتىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دالىغا يۈزلىنىش، ساغلاملىقنى قوغلىشىش بارغانسېرى بىر خىل مودىغا ئايلاندى. ئەمما دالا تەنھەرىكىتى كەسىپچانلىقى كۈچلۈك تۈر بولۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان، دالا تەنھەرىكىتىدە تاسادىپىي يارىلىنىش ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. دالا تەنھەرىكىتىنىڭ بىخەتەر، ساغلام، تەرتىپلىك راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەۋپ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دالا تەنھەرىكىتى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نى ئېلان قىلىش ماقۇللاندى. يىغىندا دالا ھەرىكىتىدە بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە كىم تەشكىللەش، كىم مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت، قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرى ۋە پىدائىيلار بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان قۇتقۇزۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دالا تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ شەرتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دالا تەنھەرىكىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلات شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېقىندا ئالاقە تورىدا ‹‹ئۇقتۇرۇش››نىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا توكسىكلىت قولاي، تېز، ئەرزان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، سانى تېز كۆپەيدى، ئەمما توكسىكلىت ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭىنىڭ ئاجىز بولۇشى تۈپەيلىدىن، قاتناش ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بەردى. يىغىندا ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى››نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توكسىكلىت تەرەققىيات ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توكسىكلىت باشقۇرۇش چارىسى›› تۈزۈش ماقۇللاندى. ‹‹چارە›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، جايلار، تارماقلار كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى توكسىكلىتنى ئۆلچەملىك ئىشلىتىشكە يېتەكلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلار توكسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، خاتىرىلەش، يول يۈرۈشنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ساختا، ناچار مەھسۇلاتلار ۋە قانۇنسىز سېتىش قىلمىشلىرىغا مەنبەدىن زەربە بېرىپ، يول قاتنىشى تەرتىپىنى ساقلاپ، يول قاتنىشى ئىشتراكچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى ئازايتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر