باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2013.12.26 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-دېكابىر گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى،يىغىندا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەمدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى (لايىھە)» ئۈستىدە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش قارار قىلىندى.

  مەملىكەت مىقياسىدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش‐‐ گوۋۇيۈەن بېكىتكەن بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتلىدى: تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق سىياسەتلەر ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇل خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىجتىمائىي ئادىللىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي،يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دادىللىق بىلەن ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بەرگىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر