باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹يېڭى يىل بايرىمى، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، تېجەشلىك بولۇپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى چۈشۈردى

2013.12.30 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹يېڭى يىل بايرىمى، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدا خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، تېجەشلىك بولۇپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى چۈشۈردى. ئۇقتۇرۇشنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  2014 – يىللىق يېڭى يىل بايرىمى، چاغان مەزگىلىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ بايرام، چاغاننى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز.

  1. ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام 1 – سېپىگە، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار رايون، قىيىنچىلىقى بار ئائىلە، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەھۋال ئىگىلەپ ھال سوراش، مەخسۇس پاناھلاندۇرۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ دەردىگە يېتىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك. تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، نەپىقە ئوبيېكتلىرى، ئاپەت رايونىدىكى ئامما، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلە، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە، مېيىپ بار ئائىلە قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى نۇقتىلىق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  2. بايراملىق بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە تەشكىللەپ، كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز تىرانسپورتىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن توشۇشنى تۇتاشتۇرۇپ، بازار باھاسىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك.

  3. چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار، بولۇپمۇ قاتناش – تىرانسپورت تارماقلىرى چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرانسپورت كۈچى بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى، قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەش، بولۇپمۇ چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ناچار ھاۋارايى، ساياھەتچىلەر تۇرۇپ قېلىش قاتارلىق تاسادىپىي ئەھۋاللارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق سەپەر قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  4. مەدەنىيەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار بايرام، چاغان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز›› تېمىسىدىكى مەدەنىيەتنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى ۋە مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، بايرام، چاغانلىق مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشى كېرەك. مەدەنىيەت بازارلىرىدىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش›› سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى مەدەنىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ساياھەت بازارلىرى تەرتىپىنى مەخسۇس تۈزەش، تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

  5. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە داۋاملىق تەكشۈرۈشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئاسان ئوت ئالىدىغان، پارتلايدىغان بۇيۇملارنى توشۇش تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، كۆمۈر كان قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەش ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەشنى داۋاملىق تۇتۇپ، نۇقتىلىق رايون ۋە كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، پوجاڭزا ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىش، ساقلاش ۋە ئېتىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر تالاپەت ۋەقەسىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  6. ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار زىددىيەت، تالاش – تارتىشلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ھەل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، تۈرلۈك ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بايرام، چاغان مەزگىلىدىكى ‹‹بۇلاڭچىلىق قىلىش، تارتىۋېلىش، ئوغرىلىق قىلىش››، ساختا مەھسۇلات ياساش، سېتىش، قاقتى – سوقتى قىلىپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ ئاسان، كۆپ يۈز بېرىش ئەھۋالىغا قارىتا، مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئامانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشنى كۈچەيتىپ، بايرام، چاغان مەزگىلىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

  7. ئىقتىسادچىل، مەدەنىي بايرام ئۆتكۈزۈش يېڭى ئىستىلىنى تىكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى›› ۋە ئالاقىدار تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادچىل – تېجەشلىك بولۇپ، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، مەدەنىي بايرام ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۆزئارا يوقلاش، سوۋغا تەقدىم قىلىش، زىياپەت بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش، ساياھەت قىلىش ۋە يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرى، ھۆكۈمەت پۇلىغا تەبرىك كارتىسى، پوجاڭزا، ھاراق، تاماكا، گۈل، يېمەكلىك قاتارلىق بايراملىق سوۋغات بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش، سوۋغا قىلىشنى قاتتىق چەكلەش، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەرنى يوقلاش، سىرتقا ساياھەتكە بېرىش قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشىدىن باشقا پائالىيەتلەرنى ھۆكۈمەت پۇلىغا كۈتۈۋېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى خۇسۇسىي ئىشقا ئىشلىتىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. تۈرلۈك چاي، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، ئاددىيلاشتۇرۇپ، مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنى ئىشلىتىپ تىجارەت خاراكتېرىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى قاتتىق چەكلەپ، يىل ئاخىرىدىكى سېلىشتۇرۇپ باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. مالىيە ئىقتىساد ئىنتىزامىدا قاتتىق بولۇپ، تۈرلۈك نام بىلەن يىل ئاخىرىدا ھەدەپ قالايمىقان پۇل خەجلەش ۋە ياردەم پۇل، قوشۇمچە ياردەم پۇل، مۇكاپات ۋە ماددىي بويۇم تارقىتىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك.

  8. پاك، ئىنتىزامچان بولۇش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››غا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغا، پۇل ۋە تۈرلۈك قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە، چىقىم ئىسپاتى، سودىدا ئالدىن چىقىم قىلىش كارتىسى قوبۇل قىلىشنى، قىمار ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئاگاھلاندۇرۇش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قائىدىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىشى كېرەك.

  9. بايرام، چاغان مەزگىلىدىكى نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. جايلار، تارماقلار ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 24 سائەت مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە رەھبەرلەر ئىش ئورنىدا باشلامچىلىق بىلەن نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بايرام، چاغان مەزگىلىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ۋەقەلەر ياكى مۇھىم، جىددىي ئىشلار يۈز بەرگەن ھامان، تېزدىن مەلۇم قىلىپ يوليورۇق سوراش ھەم ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار بايرام، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27 – دېكابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر