باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ‹‹چىۋىن›› گىمۇ، ‹‹يولۋاس›› قىمۇ كەينى–كەينىدىن قاتتىق زەربە بەردى

2013.12.30 15:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ گاڭ قانۇن–ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27 – دېكابىر تېلېگراممىسى. 2013 – يىلى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كەينى – كەينىدىن قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ‹‹چىۋىن››گىمۇ، ‹‹يولۋاس››قىمۇ زەربە بەردى ھەم قانۇن – تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ، چىرىكلىكنى مەنبەسىدىن چەكلىدى. مۇتەخەسسىسلەر: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە سالمىقى يەنە داۋاملىشىدۇ، دەپ قارىدى.

  بىر تۈركۈم ‹‹چىۋىن››لەر، مەسىلەن، ‹‹كۆپ ئۆيلۈك تاغا›› ۋە لېي جېڭفۇ قاتارلىقلار تەكشۈرۈلدى ياكى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، مەملىكىتىمىزدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە، يىپ ئۇچىدىن 129 مىڭ پارچىنى دەسلەپكى قەدەمدە دەلىللەپ بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.5؛ 118 مىڭ پارچە دېلو تۇرغۇزغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1؛ 102 مىڭ دېلونى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6؛ 108 مىڭ كىشىگە چارە كۆرگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى.

  ‹‹چىۋىن››لەر بىۋاسىتە خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ‹‹يولۋاس››لارنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى كەڭ بولغانلىقتىن، جەمئىيەتكە سالىدىغان زىيىنى تېخىمۇ زور بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا: پارتىيەمىزنىڭ بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە قەتئىي پوزىتسىيەسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە قانداق ئادەم بولۇشىدىن، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى، ئىمتىيازىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدىكەن قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ۋە قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى، بۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس، دېدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى 27 – دېكابىر ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ گاڭنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىقى بولغانلىقتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ياڭ گاڭ 13 ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئۆلكە باشلىقى – مىنىستىر دەرىجىلىك 17 – ئەمەلدار.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى 20 – دېكابىر ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، مەركەز بىدئەتچىلىك مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى، ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىر لى دۇڭشېڭنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىقى بولغانلىقتىن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. لى دۇڭشېڭ بىر يىلدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جياڭ جيېمىندىن كېيىن قانۇن – ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىقى بولغانلىقتىن تەشكىل تەكشۈرۈۋاتقان مىنىستىر دەرىجىلىك 2 – ئەمەلدار. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ھەم بۇ يىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئەڭ چوڭ ‹‹يولۋاس›› لاردۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر