باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى 1-يانۋار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جامائەت پاراۋانلىقى لېكسىيەسى ئۆتكۈزىدۇ

2013.12.30 15:33         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەنە يېرىم يىلدەك ۋاقىت قالدى، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپلەر يېڭى بىر يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىۋەتتى. ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلغاندا ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى يېڭى سىياسەتلىرىنى ئالدىدىن يىغالايدۇ؟ قانداق قىلغاندا يېڭى سىياسەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى سىياسىي خاھىش ۋە ئۇچۇرلارنى توغرا يېشىپ بېرەلەيدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە كەسىپ تاللاشتا خاتالاشمايدۇ؟ ئەگەر سىزدە ياكى ئائىلىڭىزدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىدە مۇشۇ تەرەپلەردىكى گۇمان بولسا، 2014-يىلى 1-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئۆتكۈزىدىغان ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى جامائەت پاراۋانلىقى لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ باقسىڭىز بولىدۇ.

  25-دېكابىر مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى 1-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00 دا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى داڭلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىنى ئالغان ‹‹ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى يېتەكچىلىك ۋە ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك يېتەكچىلىك قىلىش لېكىسىيەسى›› ئويۇشتۇرىدىكەن. لېكسىيەدە مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان قانداق قىلىپ ئىمتھاندىن بۇرۇن ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئىمتىھانغا ئىلمىي تەييارلىق قىلغىلى بولىدۇ؟ ئاتا-ئانىلار قانداق قىلغاندا ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا توپلىيالايدۇ، دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر كەڭ ئاتا-ئانىلارنى ئىلمىي ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى ماھارەت ۋە ئۇسۇللار بىلەن تەمىنلەيدىكەن، كەسىپىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى بىلەن تەمىنلەپ، ‹‹ئەڭ ياخشى كەسىپ››نى يېشىپ بېرىدىكەن، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇش تاماملاش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن، ئارزۇ تولدۇرۇش يۆنىلىشىنى پەرەز قىلىپ ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، لېكسىيەدە نەق مەيداندا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ماتېرىياللار ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر