باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزونىڭ ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىغا تاۋاپ قىلغانلىقىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى

2013.12.27 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئا دەرىجىلىك 14 ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قويۇلغان جىنگو ئىبادەتخانىسىغا تاۋاپ قىلىپ، تارىخىي مەسىلىدە ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرگە يەنە بىر قېتىم ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ياپونىيە بىلەن كەسكىن سۆزلىشىدىغانلىقى ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئابى شىنزونىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا تاۋاپ قىلغانلىقى توغرىسىدا كەسكىن سۆزلىشىدىغانلىقى ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ يى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئابى شىنزو ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا تاۋاپ قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تۆت سىياسىي ھۆججىتىنىڭ پىرىنسىپى ۋە روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. ياپونىيەنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ تارىخى مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى ۋە ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى، ئېغىر ۋەزىيەتكە پېتىپ قالغان جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە زور سىياسىي توسالغۇ پەيدا قىلدى. جۇڭگو بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ. ياپونىيە ئابى شىنزو كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر سىياسىي ئاقىۋەتكە پۈتۈنلەي مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

  ۋاڭ يى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر ياپونىيە قەستەن جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئاخىرقى چەككە داۋاملىق خىرىس قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي قارشىلىشىشنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىدىغان بولسا، جۇڭگو ئاخىرىغىچە قارشى تۇرىدۇ. ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا تاۋاپ قىلىشتەك قارشىلىق ھەرىكىتى ئاخىرىدا ياپونىيەنىڭ ئۆزىگە زىيانلىق، ياپونىيەنى داۋاملىق تارىخنىڭ جاۋابكارى قىلىپ قويىدۇ. ئابى شىنزونىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ياپونىيەنى ئىنتايىن خەتەرلىك يۆنىلىشكە باشلىماقتا. جەزمەن تارىختىن ساۋاق ئېلىش كېرەك. جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت جەزمەن ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى قايتا تەكرارلاشقا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گېن يەنشېڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو ۋە ئاسىيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان باشقا دۆلەت خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ، تارىخىي ھەققانىيەت ۋە ئىنسانىي ئەخلاق پەزىلەتكە خرس قىلغانلىقىدىن كۈچلۈك نەپرەتلىنىمىز، ياپونىيەگە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىمىز ۋە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ياپونىيە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇا 26-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ، جۇڭگونىڭ كەسكىن سۆزلىشىدىغانلىقى ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چېڭ يۇڭخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئابى شىنزو جۇڭگو قاتارلىق ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماستىن، ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا تاۋاپ قىلدى، بۇ ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياپونىيەنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە بولغان يۈكسەك ھوشيارلىقى ۋە كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىماي قالمايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر