باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەردوئان كابىنېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكللەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2013.12.26 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوئان 25- دېكابىر كەچتە پىرېزىدېنت ئابدۇللا گۈل بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن كابىنېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، شۇ كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، ئىقتىساد مىنىستىرى، مۇھىت ۋە شەھەرلەشتۈرۈش مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون مىنىستىرنى ئالماشتۇردى.

  17-دېكابىردىن باشلاپ، تۈركىيە ساقچىلىرى قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش چىرىكلىكىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرىكەت دائىرىسى كەڭ ۋە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ھوقۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن پۈتۈن مەملىكەتنى ھەيران قالدۇردى. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇل، پايتەخت ئەنقەرە ۋە ئىگېي دېڭىزى قىرغىقىدىكى شەھەر ئېزمىر قاتارلىق ئون چوڭ شەھەردە 25-دېكابىر كەچتە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى پارتلاپ، كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان چىرىكلىك مەسىلىسىنى ئوڭشاش ئۈچۈن، باش مىنىستىر ئەردوئان رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ تەختتىن چۈشۈشى تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر