باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا تاپشۇرغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 10 يىلغا توشقان ياقا يۇرتلۇقلار كېلەر يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭدا پېنسىيەگە چىقسا بولىدۇ

2013.12.27 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى خەۋىرى: يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى «سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئۇزارتىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كېلەر يىلىدىن باشلاپ، مەزكۇر شەھەردە تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 10 يىلغا توشقان، لېكىن ئومۇمىي تاپشۇرغان سۇغۇرتىسى 15 يىلغا توشىمىغان ياقا يۇرتلۇقلار توشمىغان يىل چېكىنى ئۇزارتىپ تولۇقلاشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، پېنسىيە رەسمىيىتى ئۆتىسە بولىدۇ. بۇ ياقا يۇرتلۇق سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدا پېنسىيەگە چىقىش چەكلىمىسىنىڭ يەنىمۇ بوشىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىشىمىزچە، 2011-يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، ياقا يۇرتلۇقلار مۇۋاپىق شەرتكە ئۇيغۇنلىشىش شەرتى ئاستىدا، مەزكۇر شەھەردە پېنسىيە رەسمىيىتى ئۆتەشكە رۇخسەت قىلىنغان. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئىككى خىل شەرتنى قانائەتلەندۈرۈشى لازىم:

  بىرىنچى، ئەرلەر 50 ياش، ئاياللار 40 ياشقا توشۇشتىن ئىلگىرى بېيجىڭدا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ مەزكۇر شەھەردە تاپشۇرغان سۇغۇرتىسى 10 يىلغا توشۇشى؛ ئىككىنچى، پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە، ھەرقايسى جايلاردا تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاز دېگەندە 15 يىلغا توشۇشى كېرەك. بۇ بېيجىڭنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ياقا يۇرتلۇقلارغا «قۇچاق» ئاچقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن «پايدىسى كۆپ» بولۇش بىلەن بىرگە، شۇنى كۆرۈپ يېتىش تەس ئەمەسكى، ئىككى خىل يىل چېكى چەكلىمىسى ئارىسىدا بىر ئوتتۇرا بوش بەلباغنىڭ شەكىللىنىشى مۇقەررەر. بېيجىڭدا تاپشۇرغان سۇغۇرتىسى ھەقىقەتەن 10 يىلغا توشقان، لېكىن ئومۇمىي تاپشۇرغان سۇغۇرتىسى 15 يىلغا توشمايدىغان قىسمەن ياقا يۇرتلۇقلار، مەيلى قەيەردە پېنسىيەگە چىقسسۇن، تاپشۇرغان سۇغۇرتىسى 15 يىلغا توشقان بولۇشتىن ئىبارەت زۆرۈر شەرتنى قانائەتلەندۈرەلمەسلىكتەك ئىككى خىل قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. (جيې لى خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر