باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياڭ گاڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن تەشكىللىك تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

2013.12.27 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ گاڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن نۆۋەتتە تەشكىللىك تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياڭ گاڭ 2010-يىلى 12-ئايدا دۆلەت سۈپەت ـ نازارەت ـ تەكشۈرۈش ــ كارانتىن قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  ياڭ گاڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىئەر، خەنزۇ، 1953-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي گاۋچېڭ ناھىيەسىدىن. 1976-يىلى 4-ئايدا ج ك پ غا كىرگەن، 1969-يىلى 2-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىياسىي نەزەرىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي دەرىجىلىك سىياسىي خىزمەت ئۇستازى.1969-يىلى 2-ئايدىن 1974-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دېھقانچىلىق 8-دېۋىزىيەسى 150-تۇەنىدە دېھقان ئىشلەمچى بولغان.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ــ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ــ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دېھقانچىلىق 8-دېۋىزىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، نازارەتنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت سۈپەت ـ نازارەت ـ كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر