باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2013.12.26 16:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  ‹‹ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى (دەسلەپكى لايىھە)›› گە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش قارار قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25 – دېكابىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 25 – دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ‹‹ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى(دەسلەپكى لايىھە)››گە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۈزۈلمە – مېخانىزمنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن قاراتمىلىقى بار ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تىرىشىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھاياتىنى قەدىر – قىممەتكە، تۇرمۇشىنى كاپالەتكە، ئۈمىدكە ئىگە قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. يىل ئاخىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ھال سوراشقا بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خامچوتتا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى مەبلىغىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەبلەغنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ تەقسىملەش، ئاجرىتىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، مەبلەغنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تولۇق، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون، تارماق ئاتلاپ سېلىشتۇرۇش سەھنىسى قۇرۇپ، يېزا، مەھەللىدە ئاشكارا ئېلان قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۆرۈنەرلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش كېرەك. ‹‹مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش››، ‹‹ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن قىلىش›› ھەمدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن خاتا بەھرىمەن قىلىش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىدىن چۈشۈرۈپ قويۇش ئەھۋاللىرىنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئالدامچىلىق قىلىپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋېلىش ئەھۋاللىرىنى قاتتىق جازالاش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ئارقىلىق، ۋاقىتلىق، تاسادىپىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. ‹‹پارچىلاش››، ‹‹بىرلا قېتىم ياردەم بېرىش››نى ئازايتىش كېرەك. كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىقلار بىلەن باغلايدىغان ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كاپالەت سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەش – ئېچىش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئادەم بولۇشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا ‹‹ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى (دەسلەپكى لايىھە)›› قاراپ چىقىلىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىرقى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرنى بېقىش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش، مائارىپ، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان، باشقا كاپالەت تۈزۈملىرى بىلەن ئۇدۇللىشىدىغان، تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىغان ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈش كېرەك. تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كارخانا، خەير – ساخاۋەت ئاپپاراتى قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چامىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پاناھلاندۇرۇش ۋە ياردەم بېرىشتە جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاشكارا قۇتقۇزۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل قۇتقۇزۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە ياردەمگە ئېرىشىشنى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئامما بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇققا ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى ھۆكۈمەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى قىلىش، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرنى ئاچ – يالىڭاچلىق، ئاغرىق – سىلاق، ئىشسىزلىق، ئاپەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تورىنى ھەقىقىي تۈردە پۇختا، مۇستەھكەم توقۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى مۇقىم، ئىشەنچىلىك خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كۆزلىمىسىگە ئىگە قىلىپ، خاتىرجەمسىزلىك ۋە ئەندىشىنى ئازايتىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر