باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ كېتىدىغان بولدى

2013.12.26 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ كېتىدىغان بولدى گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 4 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇن ۋاقىت سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ كېتىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ كېلىشىمنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزۇن يىل سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. يېقىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى بىلەن تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

  كېلىشىمدە بېكىتىلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ كېتىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. تۈركىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىدىغان مۇھىم ئۆتىڭى بولغاچقا، نۇرغۇن كۆچمەنلەر تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قانۇنسىز كىرگەنىدى. بۇ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ياۋروپا ئەللىرى، بولۇپمۇ، تۈركىيەنىڭ قوشنىسى گىرېتسىيە ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر