باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 152 تۈرلۈك بايرام، مۇنبەر، كۆرگەزمە پائالىيىتىنى بىكار قىلدى

2013.12.26 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 11 – ئاۋغۇستتىن نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا بايرام، مۇنبەر، كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز 152 تۈرلۈك پائالىيەتنى بىكار قىلىپ، بىكار قىلىش نىسبىتىنى %79.1 كە يەتكۈزگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بىكار قىلىنغان پائالىيەت تۈرىدىنلا 134 مىليون يۈەن تېجىلىپ قالغان.

  27 – نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىمچە، 15 – نويابىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىز دەرىجىمۇ دەرىجە تەكشۈرۈپ جەملەش ۋە قاتتىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، 192 تۈرلۈك بايرام، مۇنبەر، كۆرگەزمە پائالىيىتىنى تىزىملىغان، بۇنىڭ 120 سى بايرام، 36 سى مۇنبەر، 36 سى كۆرگەزمە پائالىيىتى ئىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق بايرام، مۇنبەر، كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ 40 ىنى ساقلاپ قالغان، بۇنىڭ 18 ى بايرام، ئالتىسى مۇنبەر، 16 سى كۆرگەزمە پائالىيىتى ئىكەن. بولۇپمۇ، ئاساسىي قاتلام، كارخانا، ئاممىدىن پۇل، بۇيۇم، كۈچ چىقىرىش تەلەپ قىلىنغان ياكى تۈرلۈك نامدا قالايمىقان ھەق ئېلىش، سېلىق سېلىش، قوللاش ھەققى ئېلىش پائالىيەتلىرى، پايدا ئېلىش مەقسەت قىلىنغان ياكى ئىقتىساد خىزمىتى ئىنتىزامى ۋە مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپ ئالاقىدار پائالىيەتلەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرى نامىدىن پايدىلىنىپ ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلەر ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ پائالىيەتلەرنى ئاپتونوم رايون ھۆججەت تارقىتىپ قەتئىي بىكار قىلىدىكەن. ساقلاپ قېلىنغان پائالىيەت تۈرلىرىنىڭ ئۆتكىلىنى ئاپتونوم رايون قاتتىق تۇتۇپ، مەركەز روھىغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرى، تەرتىپكە سېلىش دائىرىسىدىكىلىرى ۋە تەرتىپكە سېلىنىپ بولغانلىرىنى تەستىقلىماسلىق ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر