باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كومپارتىيەسى 2013-يىلىدىن 2017-يىلغىچە بولغان چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاشنىڭ بەش يىللىق ئومۇمىي پىلانىنى ئورۇنلاشتۇردى

2013.12.26 17:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش سىستېمىسىنى تۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ 2013-يىلىدىن 2017-يىلغىچە بولغان خىزمەت ئومۇمىي پىلانىنى» بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار تارماقلاردىن ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا چىقىرىلغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۈز يىللىق ئىككى كۆرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «خىزمەت ئومۇمىي پىلانى» بۇندىن كېيىنكى بەش يىلدا پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە يولداش شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «خىزمەت ئومۇمىي پىلانىنى» ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدىكى ئاساسى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، «خىزمەت ئومۇمىي پىلانىنى» ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئىقتىسادى، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بىرلىكتە تەكشۈرۈشى كېرەك.

  «خىزمەت ئومۇمىي پىلانى» نىڭ تولۇق تېكىستى ئومۇمىي تەلەپ، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىدا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇش، چىرىكلىكنى كۈچلۈك جازالاش، ئىلمىي ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر