باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى 6 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق كاپالەتلىك ئۆيدە قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ

2013.12.26 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرى جياڭ ۋېيشىن تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: 2014-يىلى ئېلىمىز شەھەر بازارلىرىدا 6 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق كاپالەتلىك ئۆيدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ، ئۆي باھاسى داۋاملىق ئۆرلەۋاتقان شەھەرلەردە تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتى قاتتىق يولغا قويىلىدۇ.

  2013-يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر بازارلاردا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا 4 مىليون 700 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي سېلىش ، 6 مىليون 300 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇلۇپ ئورۇندالدى، سۈپەت ئاساسەن ياخشى بولدى، جياڭ ۋېيشىن 2014-يىلدىكى يېڭى نىشاننى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى شەھەر بازارلاردا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش نىشان ۋەزىپىسىدە 4 مىليون 800 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي ئاساسەن پۈتتۈرۈلىدۇ، 6 مىليون يۈرۈشتىن كۆپرەكىدە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدۇ، مەركەز مەبلەغ تولۇقلىما بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرىدۇ، يەرلىك مەبلەغ سېلىنمىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى كېرەك.

  2014-يىلى تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى ئۆي مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتىدۇ، تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، تەڭشەپ كونترول قىلىش تەدبىرىنى ياخشى ئىجرا قىلىدۇ،تارماقلار بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆي باھاسى بېسىمى چوڭ شەھەرلەر تۈرلۈك ئۆي مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسەت تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم، جياڭ ۋېيشىن مۇنداق دېدى: بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق ئۆي باھاسى تېز ئۆرلەۋاتقان شەھەرلەر پەرقلەندۈرۈلگەن ئۆي ئىناۋەت قەرزى، باج ئېلىش سىياسىتى ۋە ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ ئۆيگە ئىشلىتىلدىغان يەر بىلەن تەمىنلەش ۋە تۇرالغۇ ئۆي بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئاشۇرۇشى كېرەك، ئۆي باھاسى چۈشۈشكە باشلىغان شەھەرلەر ھازىرقى ئۆيلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىدىن سېلىش كۆلىمىنى كونتىرول قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر