باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئافغانىستاننى ئامېرىكا بىلەن خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تۈزمەسلىككە دەۋەت قىلدى

2013.12.26 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3 – دېكابىر ئافغانىستاننى ئامېرىكا بىلەن «ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى» گە ئىمزا قويماسلىققا دەۋەت قىلدى. ش ئا ئە ت 3 – دېكابىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئافغانىستاننى «ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى» گە ئىمزا قويۇشقا چاقىرماقچى بولغان.

  ئىران دىپلوماتىيە باياناتچىسى مالتا مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ «ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى» گە ئىمزا قويۇشى ئافغانىستاننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە پايدىسىز، يەنە كېلىپ، بۇ كېلىشىم پۈتۈن رايونغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئىران بىلەن ئافغانىستان قوشنا، چېگرا ئۇزۇنلۇقى 945 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا، ئىران ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تۈزۈشىگە ئەزەلدىن قارشى تۇرۇپ كەلگەن.

  ب د ت نىڭ قارارىغا ۋە كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ش ئا ئە ت خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2014 – يىلى 31 – دېكابىر توشىدىكەن. ئامېرىكا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزائىينى كېلىشىمنى ئۇزارتىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، كارزائىي بۇنى رەت قىلىپ كەلگەن.

  ئافغانىستان پارلامېنتى 24 – دېكابىر «ئامېرىكا – ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كېڭىشىمى» نى ماقۇللاپ، كارزائىيدىن ش ئا ئە ت قوشۇن چېكىندۈرۈشتىن ئىلگىرى بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ش ئا ئە ت گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 3 – دېكابىر ئافغانىستانغا « ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى» گە ئىمزا قويۇش توغرىسىدا بېسىم قىلغان.

  ش ئا ئە ت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 3 – دېكابىر بىريۇسسېلدا ئېچىلدى. يىغىندا ئافغانىستاندا قوشۇن تۇرغۇزۇش ۋە سۇرىيەدىكى خىمىيەۋى قورالنى يوقىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

  ش ئا ئە ت نىڭ پىلانى بويىچە، ش ئا ئە ت 2014 –يىلىغىچە ئافغانىستاندىن ئۇرۇش قىلىش قىسىمىنى چېكىندۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئافغانىستان ئارمىيەسىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ش ئا ئە ت ۋە ئامېرىكا 8000 دىن 12 مىڭغىچە ئەسكىرىنى ئافغانىستاندا قالدۇرماقچى بولغان. ئەلۋەتتە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى «ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى» گە ئىمزا قويسا، بۇ ئەسكەرلەر ئاندىن ئافغانىستاندا داۋاملىق تۇرالايدۇ.

  كارزائىي كېلەر يىلى ئاپرېلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن بۇرۇن بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: كارزائىي «ۋەتەن ساتقۇچ» دېگەن نامغا قالماسلىق ئۈچۈن بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويماسلىقنى قارار قىلغان. ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا ھازىر 75 مىڭ ئەسكىرى بار بولۇپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ.

  ش ئا ئە ت نىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى مۇنداق دېدى: ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا قوشۇن تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن قانۇنىي ئىسپات كېرەك. ئەگەر، بۇ كېلىشىم ئىمزالانمىسا، ئافغانىستان ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر