باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى جانلىق تەسۋىرلەندى(1)

2013.12.26 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-دېكابىر، موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا بىر يۈرۈش كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىىتتىپاقىنىڭ 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمى ئىش باشلايدىغانلىقى قارار قىلىندى ھەمدە ئەرمىنىيەنىڭ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىش پىلانى تەستىقلاندى.

  رۇسىيە، بىلارۇسىيە، قازاقىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى شۇ كۈنى يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشتى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى تۈزۈش خىزمىتى ماھىيەتلىك ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى، شەرتنامىدىكى ئاساسى، تۈزۈم خاراكتىرلىك مەزمۇنلار بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى، كېيىنكى باسقۇچتا ھەر قايسى تەرەپ شەرتنامىدىكى كەسىپكە چېتىشلىق مەزمۇنلارنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىپ، مال، مۇلازىمەت، مەبلەغ ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىقتىسادىي ئىتتىپاقتا ئەركىن ھەرىكەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. پۇتتىن مۇنداق دېدى: بۇ شەرتنامە 2014-يىلى مايدا ئىمزالىنىدۇ، ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى شۇ يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق قاراپ چىقىش رەسمىيەتلىرىنى تاماملاپ بولىدۇ.

  رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قېلىپى ئادەتتە ئەركىن سودا رايونى بەرپا قىلىشتىن باشلىنىپ، تەدرىجىي تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى، ئورتاق بازارغا تەرەققىي قىلىدۇ، ئاندىن ئىقتىسادىي ئىتتىپاق بولۇپ قۇرۇلىدۇ. رۇسىيە، بىلارۇسىيە، قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى 2010-يىلى ئىشقا كىرىشكەن، 2012-يىلى ئۈچ دۆلەت بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇقنى باشلىدى ھەمدە دۆلەت ھالقىغان ئاپپارات-ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي كومىتېتىنى قۇردى، ياۋروپا ئاسىيا بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى ئۆزلۈكسىز تېزلىتىلمەكتە، كېيىنكى باسقۇچتا ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر