باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىلىدۇ

2013.12.26 17:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى يېن ۋېيمىن 26-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېلەر يىلى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىقتىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزىمىنى مۇكەمەللەشتۈرۈپ، ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەسلىدىكى مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ يېڭىدىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان سىستېمىسىنى تەسىس قىلىشكەن. ئۈنۋاننىڭ دەرىجىسى جەھەتتە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋاندىن ئالىي دەرىجىدىن تۆۋەن دەرىجىگىچە بەش دەرىجە تەسىس قىلىنىدىكەن، تەرتىپ بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، 1-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، 2-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، 3-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئۈنۋاندىكى ئالىي دەرىجە، كاندېدات ئالىي دەرىجە، ئوتتۇرا دەرىجە، ياردەمچى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىگە توغرا كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان باھالاش ئۆلچىمى ۋە چارىسى مۇكەممەللەشتۈرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر