باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ ئىشخانىسى« سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ھەققىدىكى»پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى

2013.12.24 10:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى « سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  « سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى پىكىر» جەمئىي 23 ماددا، «پىكىر»دە مۇنداق دېيىلدى: قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناقلىق ــ دۆلەت قاتلىمىدىكى قىممەت نىشانى، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ئادىللىق، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ــ جەمئىيەت قاتلىمىنىڭ قىممەت يۆنىلىشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كەسىپكە ھۆرمەت قىلىش، سەمىمىيلىك، دوستلۇق ــ پۇقرالار قاتلىمىدىكى قىممەت ئۆلچىمى، بۇ 24 خەت سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ــ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھى ۋە يولداش شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى، ئۈچ تەشەببۇستىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي مەزمۇننى زىچ چۆرىدەپ، تەشۋىقات، تەربىيە، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن ئۇنى ئادەت قىلىپ يېتىلدۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە، سىياسەت جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش، تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق چەكلەشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، روھىي دۇنياسىغا سىڭدۈرۈپ، پۈتكۈل خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشقا يېتەكلەش لازىم.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە تۆۋەندىكى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك: ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەت ئېھتىياجى ۋە قىممەت ئارزۇسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، غايە ئېتىقادنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ باش ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كىشىلەرنىڭ روھىي تۈۋرۈكىنى تۇرغۇزۇش لازىم، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، رايون، قاتلام ۋە ئوبيېكتلارنى ئايرىپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەر ئىدىيەسى بىلەن بولغان ئورتاقلىق، ئامما مەنپەئەتى بىلەن بولغان باغلىنىشلىق نۇقتىنى تېپىپ چىقىپ، ئامما بىلەن يېقىنلىشىش كېرەك، ئۆزگەرتىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنىڭ قاتنىشىشىغا قولاي سەھنە ھازىرلاپ، ئامما قاتنىشىشنى ياقتۇرىدىغان يوللارنى ئېچىپ، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ۋاستىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئومۇمىي خەلقنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە جەمئىيەتنى تۈزەش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم، «پىكىر» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ھەققىدىكى تەشۋىقىي تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك، ئاخبارات تاراتقۇلار جىسمىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنىڭ قىممەت قارىشىنى تارقىتىدىغان باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى توردا تارقىتىش بازىسى قۇرۇش، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئادەمنى تەربىيەلەشتىكى مۇھىم ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، «پىكىر» دە يەنە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر