باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىز بىلەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە يۇرتىمىزغا جاۋاب قايتۇرىمىز (1)

2013.12.26 16:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  − ‹‹ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن ۋەكىللەرنىڭ تەسىراتلىرى

  دۆلەتنىڭ ‹‹چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى قوللاش، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، بېرىپ – كېلىش ئەركىن بولۇش›› فاڭجېنىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن يىلدا 3000 غا يېقىن كىشى ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار يىلدىن – يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ. جاڭ چۈنشيەن شۇجى 2010 – يىلى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش جەھەتتە بەزى قىيىنچىلىقلارغا يولۇققانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىشى ئۈچۈن ئاپتونوم رايون ‹‹ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى›› تۈرىنى يولغا قويدى. تۈر يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان 351 ئوقۇغۇچى جەمئىي 14 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ھازىر، بۇ تۈر ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە قوللايدىغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلاندى.

  ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تۈرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن شۇجى جاڭ چۈنشەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ئۆمەك باشلاپ 2013 – يىل 21 – نويابىردىن 28 – نويابىرغىچە كانادا ۋە فىرانسىيەگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئوقۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 14 شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەردى. ئەركىنجان تۇراخۇن ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا شۇجى جاڭ چۈنشەننىڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا يوللىغان سالىمى ۋە سەمىمىي ئۈمىدلىرىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن! سىلەر ياقا يۇرتتا ئوقۇۋاتقان بولساڭلارمۇ قۇدرەتلىك ۋەتەن بىلەن سىلەرنى سۆيىدىغان يۇرتۇڭلار بار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارغا، ئىلگىرىلىشىڭلارغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدۇ، سىلەرنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، يۇرتۇڭلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى يىلدىن – يىلغا كۆپەيتىپ، سىلەرنىڭ ئوقۇشنى تاماملىشىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىدۇ. سىلەرنىڭ تېنىڭلارنىڭ ساغلام، ئوقۇشۇڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!››.

  مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى تەسىراتىنى سۆزلىدى.ئانا يۇرتنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق

  يۈسۈپجان قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىدىن، ھازىر كانادا خانىش (كوئېنس) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماشىنىسازلىق ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ

  مەن ‹‹ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەنلەرگە ۋاكالىتەن بۈگۈن بۇ يەردە سۆزلىگىنىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. مەن بۇ يىللىق ‹‹ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن يەتتە ئوقۇغۇچىغا ۋاكالىتەن ۋەتەندىكى ۋە يۇرتىمىزدىكى خەلقنىڭ چەكسىز غەمخورلۇقىغا چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! جۇڭگونىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەجرىگە سەمىمىي تەشەككۈر ئېيتىمەن!

  بۇ مۇكاپات پۇلىنىڭ تەسىس قىلىنىشى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن غايەت زور شەرەپ، بىزنىڭ چەت ئەلدىكى كۆپ يىلدىن بۇيانقى ئوقۇش، خىزمەت نەتىجىلىرىمىزنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، ئۇ، ئۈزلۈكسىز گۈللىنىپ، قۇدرەت تېپىۋاتقان ۋەتەننىڭ چەت ئەلدىكى پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا دۆلەت بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ۋە پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان سەمىمىيىتىنى نامايان قىلدى. يۇرتىمىز شىنجاڭ دېگەندەك باي ئەمەس، تەرەققىيات يولىدا يېڭىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە ئەگرى – توقايلىقلار بار، ياردەمگە ئېھتىياجلىق نۇرغۇن جاي ۋە ئامما بار. ھالبۇكى، ئاپتونوم رايون مالىيە كۈچى چەكلىك ئەھۋالدا، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ‹‹ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى››نى تەسىس قىلىشى بىز ئۈچۈن زور ماددىي مۇكاپات بولۇپلا قالماستىن تېخىمۇ مۇھىمى بىز ئۈچۈن زور مەنىۋى ئىلھام بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان غەمخورلۇقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. بۇنىڭدىن بىز ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بىزگە يەتكۈزگەن مېھرىبانلىقىنى شۇنداقلا ۋەتەننىڭ بىزدىن كۈتكەن ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر