باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2013.12.26 16:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىنى بېلەت تاشلاپ باھالىدى

  فېڭ جىن خەۋىرى: نەچچە تەكلىپ تاپشۇردى؟ يىغىندا نەچچە قېتىم سۆز قىلدى؟ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا، كۆزدىن كەچۈرۈشكە نەچچە قېتىم قاتناشتى؟ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ 2013 – يىلى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، شۇنداقلا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ئەھۋالى يازما شەكىلدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. يىغىندا يەنە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامسىز بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ 2013 – يىلىدىكى خىزمىتىنى باھالىدى. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تۇنجى قېتىم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى ۋە مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىنى نامسىز بېلەت تاشلاپ باھالىشى ھېسابلىنىدۇ.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ئىستاتىستىكا جەدۋىلىدە، ھەر بىر دائىمىي كومىتېت ئەزاسىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىن ۋە دائىمىي كومىتېت يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئەھۋالى، يىغىن، سۆھبەت يىغىنلىرىدا سۆز قىلغان قېتىم سانى، تەكلىپ ۋە مۇھىم تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇش قېتىم سانى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىش قېتىم سانى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى تاپشۇرۇش قېتىم سانى، كۆزدىن كەچۈرۈشكە قاتنىشىش قېتىم سانى، مەخسۇس كومىتېت يىغىنلىرىغا، ۋىلايەت، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىغا قاتناشقان – قاتناشمىغانلىقى، ئۇچۇر سانى ۋە رەھبەرنىڭ ئۇچۇرنى تەستىقلاش قېتىم سانى، تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىش قېتىم سانى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا يەنە خىزمەت دوكلاتىنى تاپشۇرمىغان تۆت دائىمىي كومىتېت ئەزاسىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا، ‹‹سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە›› تۈزۈلۈپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىنتىزامى، قەرەللىك يىغىن ئېچىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ھەر ساھەدىكى ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش، شۇنداقلا دائىمىي كومىتېت يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئارخىپى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىدىيە، ئىقتىدار، ئىستىل، تۈزۈم ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنى سىياسىيدا مۇستەھكەم، نەزەرىيەدە سەگەك، ئىدىيەدە ئازاد بولغان، كۆز قاراشتا يېڭىلىق ياراتقان، ئىستىلدا ئەمەلىيەتچىل، بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇيۇشۇشچانلىققا، ئىجادچانلىققا ئىگە رەھبەرلىك كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سەككىز مەخسۇس كومىتېتىنىڭ 2013 – يىلىدىكى خىزمىتى رازى، بىر قەدەر رازى، ئاساسىي جەھەتتىن رازى، رازى ئەمەس قاتارلىق تۆت دەرىجە بويىچە نامسىز بېلەت تاشلاپ باھالاندى، بۇ ئۇسۇل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق سىناق بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر