باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6–يىغىنى 2–ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2013.12.26 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا 12–بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتى، يېزىلارنىڭ يۆلەش–ئېچىش خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى

  جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25 – دېكابىر تېلېگراممىسى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 – يىغىنىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنى 25 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى يەن جۈنچى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 159 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسىي نىشان، مۇھىم ۋەزىپە، زور قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، 24 ئاساسىي كۆرسەتكۈچنىڭ كۆپىنچىسى كۆزلىمە تەلىپىگە يەتتى، لېكىن ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى قىسمەن چەكلەش خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش سۈرئىتى ئارقىدا قالدى، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن يېزىلارنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو يېزىلارنىڭ يۆلەش – ئېچىش پىروگراممىسى (2011 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نامرات ئاھالىنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئىشلار تېز راۋاجلاندى. كېيىنكى قەدەمدە يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسىنى ئىگىلەپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم توسالغۇسىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۆلەش مەبلىغىنى مەملىكەت مىقياسىدا تەقسىملەپ، سىياسەت قوراللىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامرات رايونلاردىكى كادىر، ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجاتچانلىقىنى قوزغاش كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، قانۇن كومىتېتى، مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت – سەھىيە كومىتېتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئايرىم – ئايرىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 7569 پارچە تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بېرىلىپ بولدى. بۈگۈنكى يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى جيەنگو، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، ۋاڭ چېن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر