باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يولغا قويۇلغىنىغا 23 يىل بولغان مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا تۇنجى قېتىم چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ

2013.12.24 19:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېلو ئېچىش تەس بولۇش، قاراپ چىقىش تەش بولۇش، ئىجرا قىلىش تەس بولۇشتەك 3 چوڭ «مەرەز»تۈگىتىلىدۇ

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنى 23-دېكابىردىن باشلاپ 28-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ «گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشكە دائىر قوشۇمچە بەلگىلىمىسى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىش، تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇشتىن باشقا، مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشمۇ بۇ يىغىننىڭ مۇھىم بىر تېمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ 1990-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا تۇنجى قېتىم چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھېسابلىنىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: مەمۇرىي دەۋا قانۇنى دەسلەپ ئېلان قىلىنغاندا، «پۇقرائەمەلدارئۈستىدىن ئەرز قىلىش»نىڭ تۇنجى قېتىم قانۇن-تۈزۈم شەكلىدە بېكىتىلگەنلىكى ئۇنىڭدىكى چوڭ بۆسۈش بولغانىدى. لېكىن، بۇ قانۇن يولغا قويۇلغان 23 يلدىن بۇيان، «پۇقرا ئەمەلدار ئۈستىدىن ئەرز قىلىش» يوللىرى تازا راۋان بولمىدى، مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسى، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە قاراپ چىقىش تەرتىپى قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى كۆپ تالاش-تارتىش ساقلاندى، ئەمەلىيەت جەريانىدا، دېلو ئېچىش تەس بولۇش، قاراپ چىقىش تەس بولۇش، ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىلىرى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر