باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە قانداق سولاش كېرەك

‐‐‐ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت

2013.12.24 19:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش جەھەتتە، «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى يەنى پارتكوم ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي قوللىنىشچان مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم. «ئىككىنى ئاساس قىلىش»نى يەنى چىرىكلىك دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلشىتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىش، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلىرىنى كۆرسىتىشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن تەشكىلات بۆلۈمىنى ئاساس قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. «ئىككى تولۇق قاپلاش»نى يەنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئەۋەتىش، مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى جايلار، تارماقلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يېقىندا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ 10-بۆلىكىدە ھوقۇق يۈرگۈزۈش چەكلىمىسى ۋە نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھۆججەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى لى شۆچىن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەردى.

  سوئال: «قارار»دا «ھوقۇق يۈرگۈزۈش چەكلىمىسى ۋە نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى كۈچەيتىش»نى ئايرىم بايان قىلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  جاۋاب: ھوقۇق يۈرگۈزۈش چەكلىمىسى ۋە نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى كۈچەيتىش پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا 16-قۇرۇلتايدىن بۇيان ئىزچىل تەكىتلىنىپ كەلگەن زور سىياسىي ۋەزىپە. ئېلىمىزنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش چەكلىمىسى ۋە نازارەتچىلىك سىستېمىسى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، تەدبىر بەلگىلەش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىش قىلىش، ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى مەۋقە قىلىش قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، ئومۇمەن ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشقا قادىر. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر