باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا پاتېنت دېلولىرى كۆپەيدى

2013.12.24 09:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاپتونوم رايونىمىزدا پاتېنت دېلولىرىنىڭ سانى كۆپەيدى. بۇ يىل يانۋاردىن نويابىرغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى سىستېمىسى تۈرلۈك پاتېنت دېلوسىدىن 319نى قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %64.3 كۆپ.
   ئىگىلىنىشىچە، 2011 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن - تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى تېز ئاشقان، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە كارخانىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ، بۇلار ئاپتونوم رايونىمىزدا پاتېنت دېلولىرىنىڭ تېز كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولغان.
   بۇ يىل 1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى مەخسۇس ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ، 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە پاش قىلىش، ئەرز قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، يانۋاردىن نويابىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە ساختىلىققا زەربە بېرىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە، 1530 ئادەم/قېتىم قانۇن ئىجراسىغا ئاجرىتىلىپ، 764 سودا ئورنى، 240 مىڭ 700 تاۋار تەكشۈرۈلگەن. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ماجىراسىدىن 138ى قوبۇل قىلىنغان، ساختا پاتېنت دېلوسىدىن 181ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇ دېلولار ئاساسلىقى قۇرۇلۇش، مۇھىت ئاسراش، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر