باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن پارتكومى مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش ۋە قىشلىق ھەربىي مەشىق پائالىيىتى باشلاندى

2013.12.23 17:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى شىڭ خەۋىرى: بىڭتۈەن پارتكومى مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش ۋە 2013 – يىللىق ئىشچى – خىزمەتچىلەر قىشلىق ھەربىي مەشىق پائالىيىتى 22 – دېكابىر باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى چې جۈن ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىيەت قارىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ئالاھىدىلىكىگە پائال ماسلىشىپ، پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش ۋە قىشلىق ھەربىي مەشىق پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  چې جۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىڭتۈەندە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 18 – نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇۋاتقان، شۇنداقلا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش يىغىنى ئاياغلاشقىنىغا ئۇزاق بولمىغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت تۆت كۈن ئېلىپ بېرىلىپ، بىڭتۈەننىڭ شى ۋە تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى دۆلەت ئىچىدىكى ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلايدىكەن، مەلۇم قۇرۇقلۇق، ھاۋا قىسىملىرىنى زىيارەت قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر