دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ئۈچۈن كەلگەن شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جىنيىڭ ۋە ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى. جاڭ دېجاڭ، لى يۈەنچاۋ، لى جەنشۇ، ياڭ جىچى قاتارلىقلار كۆرۈشىشكە قاتناشتى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە شى جىنپىڭ شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جىنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-ئومومىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىستراتىگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇ جەرياندا شىياڭگاڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇ شىياڭگاڭ، ئاۋمىن تەيۋەن بىلەن ئىچكىرىدىكى جايلارنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ ياخشى ئاساس سالىدۇ، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ 2017-يىلى شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى سايلاش مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل، ئېنىق.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: شىياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ نېگىزلىك قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە، ئەمەلىي مۇھاكىمە قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، 2017-يىلى شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى سايلاشقا ياخشى ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.