باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي سۇداندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار ئىككى مۇھىم بازارنى ئىگىلىۋالدى

2013.12.24 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي سۇدان ئارمىيە دائىرىلىرى تۈنۈگۈن ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ماشېل رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلاردىن ئۇنىتې ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بېنتۇنىڭ كونتىرول ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىقىنى جەزمىلەشتۈردى، بۇ جەنۇبىي سۇداندىكى ئىككى مۇھىم بازارنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قوراللىقلىرىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەنلىكىنى دېرەك بېرىدۇ.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تۈنۈگۈن: جەنۇبىي سۇدان ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي سۇدانغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكىنىڭ ئەسكىرى كۈچىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ماسلاشماقتا دېگەن.

  بان كىمون مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: جەنۇبىي سۇدان پىرېزىدېنتى كېل بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھ رەھبىرى كرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك، داۋاملىشىۋاتقان قەبىلىلەر ئارىسىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، جەنۇبىي سۇداننىڭ قوشنا ئەللىرىمۇ ئىجابىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر