باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋېلىسىپىت مىنىشنى تەشەببۇس قىلدى(1)

2013.12.24 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان«ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلىنىڭ تور بېكىتىدە 16-دېكابىر «ۋېلىسىپىت مىنىش نېمە ئۈچۈن بەزى شەھەرلەردە گۈللەپ راۋاجلاندى، ئەمما بەزى شەھەرلەردە ئۇنداق ئەمەس؟» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى بورېس جونسون ۋېلىسىپىت مىنىش قارىشىنى لوندون شەھىرىدە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى، ئەمما بۇ بىر قېيىن ۋەزىپە.

  لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى بورېس جونسوننىڭ مىجەزى ئالاھىدە ئوچۇق؛ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇ ۋېلسىپت مىنىشكە ئامراقلىقى بىلەن كىشىلەرگە تونۇلغان. ئۇ قاتناش قائىدىسىگە، باشقا ۋېلىسىپىت مىنگەنلەرگە ۋە كىچىك گېزىت ئاپپاراتچىلىرىنى نەزەرگە ئالماستىن ئۆزىنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. گەرچە بورېس مۇشۇنداق چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما لوندوندا ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار يەنىلا ئاز ئىدى. 2011-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، گەرچە ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار ئۆتكەن 10 يىلدا كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما لوندوندا ھازىر %2.5 كىشىلا ۋېلىسىپىت بىلەن ئىشقا بارىدىكەن. بورېس: نۆۋەتتە ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلارخېلىلا ئاز دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋېلىسىپىت مىنىش لوندون كوچىلىرىدىكى بىر داڭلىق كۆرۈنۈشكە ئايلىنىشى كېرەك، ۋېلىسىپىت مىنىشنىڭ لوندوندا تارقىلىش دەرىجىسى دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېن ياكى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامېستېردامغا ئوخشاش سەۋىيەگە يېتىشى كېرەك، دېدى. ئۇنداقتا ۋېلىسىپىت مىنىش نېمە ئۈچۈن بەزى شەھەرلەردە گۈللەپ راۋاجلاندى، ئەمما باشقا شەھەرلەردە ئۇنداق ئەمەس؟

  بورېسنىڭ بۇ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان نىشانى ئۇنداق ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ: ئامېستېردامدا %57 ئاھالە ھەر كۈنى ۋېلىسىپىت ئىشلىتىدۇ، ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار بۇ شەھەرنىڭ %38 نى ئىگىلەيدۇ، كوپېنخاگېندا %52 كىشى ھەر كۈنى ۋېلىسىپىت بىلەن ئىشقا ياكى مەكتەپكە بارىدۇ. ئەمما ئەنگلىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدىمۇ ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە غايەت زور غەلبە قولغا كەلتۈرۈلدى. كامبىرىجدا %30 ئاھالە ھەر كۈنى ۋېلىسىپىت بىلەن ئىشقا بارىدۇ؛ لوندوننىڭ شەرقىدىكى خاكىنى رايونىدا ھەر كۈنى ۋېلىسىپىت بىلەن ئىشقا بارىدىغانلار تەخمىنەن %15 نى ئىگىلەيدۇ. ئەمما، بىر يەردە زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار ئالدى بىلەن قايسى تۈردىكى كىشىلەرنىڭ بۇ جايدا تۇرىدىغانلىقىغا باغلىق. بۇ نۇقتا ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ بورېسنىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا. ئەنگلىيەدە ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار باي ياشلار، شۇڭا بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئاچقۇچلۇق مەسىلە. كامبىرىج بىر باي ئۇنىۋېرسىتېت شەھىرى، ھەممىلا جايدا ياش ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ خاكىنى لوندوننىڭ ئېسىل رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ يەردە تۇرىدىغانلار مودا قوغلىشىدىغان ياش تور بېكىتى لايىھىلىگۈچىلەر ۋە تەكشى يۈز لايىھىلىگۈچىلەر. شۇڭا بۇ جايدا ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ئورېگون ئىشتاتىدىكى پورتلاندىمۇ مۇشۇنداق. پورتلاند بەلكىم ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئامېرىكىنىڭ شەھىرى بولسا كېرەك. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامىستېردام بىلەن كوپېنھاگېندا ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلارنىڭ كۆپى ئاياللار؛ ئەمما بۇ ئىككى شەھەردە ھەممە كىشى مەيلى كىرىمىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ۋە يېشىنىڭ قانچىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئازدۇر كۆپتۇر ۋېلىسىپىت مىنىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر