باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىنى كېلەر يىلى 15 – يانۋار ئېچىش قارار قىلىندى

2013.12.24 16:55        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىلاقىز بەكرى خەۋىرى: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلىرىنى تاماملاپ 23 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. يىغىندا، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىنى كېلەر يىلى 15 – يانۋار ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  يىغىندا، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈن تەرتىپى، يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ دائىرىسى، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش چارىسى ۋە ھەر قايسى گۇرۇپپا رىياسەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى، ھەر قېتىملىق چوڭ يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ۋە رىياسەتچىسىنىڭ ئىسىملىكى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلاتنى بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى، باش كاتىپ، مۇئاۋىن باش كاتىپلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە كادىرلار ئىشلىرىغا دائىر ئىشلار ماقۇللاندى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات قاتارلىق مۇھىم دوكلاتلارنى تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىمىز؛ ئەزالارنى تەكلىپ بېرىشكە تەشكىللەش ۋە تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مۇھىم تەكلىپ – پىكىرلەرنى تەكلىپ شەكلىدە رەسمىي سۇنۇشىمىز؛ يىغىندا سۆز قىلىش ماتېرىيالىنى يىغىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش سەۋىيەمىزنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈشىمىز؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، خەلق قۇرۇلتىيى بەنگۇڭتىڭى، خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن خىزمەت ئالاقىسى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك ماسلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ يىغىن ئىشلىرى، ئارقا سەپ مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك، سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، يىغىن پائالىيەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل پىلانلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماۋكەن سىيىتقامزا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېن جېنشەن، گۈلشات ئابدۇقادىر، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، باش كاتىپ ليۇ جېنچياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر