باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4–ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2013.12.23 17:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار ماقۇللاندى

  مىلاقىز بەكرى خەۋىرى: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنى 22 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھە) ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ 2013 – يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن سىياسى كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپ 1037 پارچە (9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە)بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ بېجىرىشىگە بېرىلگەن تەكلىپ 945 پارچە بولۇپ، ئەنگە ئېلىنغان ئومۇمىي تەكلىپنىڭ %91.1 ىنى ئىگىلىگەن، بۇ تەكلىپلەر توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 68 تارماق ۋە ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. 7 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكىلەر ئەمەلىي بېجىرگەن تەكلىپلەرنىڭ جاۋابى 1332 پارچە بولۇپ، تولۇق جاۋاب بېرىلگەن. بېرىلگەن جاۋابلاردا تەكلىپلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن 334 پارچىسى ھەل قىلىنغان ياكى ئاساسەن ھەل قىلىنغان، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ %25.1 ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولغان؛ تەكلىپلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن ھەل قىلىنىۋاتقان ياكى پىلانغا كىرگۈزۈلۈپ، قەدەممۇ قەدەم ھەل قىلىنىۋاتقىنى 702 پارچە بولۇپ، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ %52.7 ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقىدىن سەل تۆۋەنلىگەن؛ شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كېيىن ھەل قىلىشقا قالدۇرۇلغان ياكى پايدىلىنىشقا قالدۇرۇلغان تەكلىپ 296 پارچە بولۇپ، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ %22.2ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقىدىن سەل تۆۋەنلىگەن.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ باش كاتىپى ليۇ جېنچياڭنىڭ كادىرلار ئىشلىرىغا دائىر چۈشەندۈرۈشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شياۋ چىڭخۇا، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاۋ شيا، مىللەت، دىن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاپپار ئىبراھىم، پەن – مەدەنىيەت – سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەرىدە رېھىم، نوپۇس – بايلىق – مۇھىت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لو جيەنجى، شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەن مۇھاجىرلىرى ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جياخېيا ئىسكەندەر، مەدەنىيەت – تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شيې گۇاڭدېلارنىڭ مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ 2013 – يىللىق خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر