باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چىلانلىق كۆلىمى 6 مىليون مودىن ئاشتى يوللانغان

2013.12.23 17:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي چىلانلىق كۆلىمىنىڭ %30 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ ھازىر تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردى

  دۇڭ شياۋخۇا خەۋىرى: شىنجاڭ دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى چېن تۇڭ 21 – دېكابىر ئېچىلغان 3 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ چىلانچىلىق كەسپى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چىلانلىقنىڭ كۆلىمى 6 مىليون مودىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە چىلانلىق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى، ھوسۇللۇق مەزگىلدىكى چىلان ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي چىلان ھوسۇلىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

  ھازىر، خاس باغۋەنچىلىك كەسپى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى يېڭى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى. مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىلانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، چىلان بازىرىنىڭ ئېھتىياج يۈزلىنىشىگە نەزەر سېلىپ، چىلانچىلىق بازىرىنى ئېچىشنى پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىلانچىلىق كەسپىدە ھوسۇلنىڭ تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. مۇتەخەسسىسلەر: ئاپتونوم رايونىمىز چىلانچىلىقىدا سورتلارنى پىلانلاش، قېلىپلاشتۇرۇپ باغ بىنا قىلىش، باغنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئورگانىك مېۋە سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىش، بازار قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، پىششىقلاپ ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەش، ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىزدىنىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىلان مەھسۇلات قىممىتىنى 50 مىليارد يۈەنلىك كۆلەمگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  چېن تۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىلانچىلىق كەسپى ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشتىن، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە بۇرۇلۇشى، بىرلا خىل ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى قۇرۇلمىدىن بازارلىشىش، كەسىپلىشىشكە قاراپ ئۆزگىرىشى، دەسلەپكى پىششىقلاشتىن ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلات يارىتىشقا قاراپ ئۆزگىرىشى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىلانچىلىق كەسپىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چىلان ئۆستۈرىدىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر