باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى قۇتلۇقلاندى

ئۇيغۇرچە شىنجاڭ دېھقانلار تورى ئېچىلدى

2013.12.17 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى خەۋىرى/ ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورگان تورى بولغان تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش ۋە شىنجاڭدىكى دېھقانلار ئاممىسى ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان ئۇيغۇرچە شىنجاڭ دېھقانلار تورىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 16 – دېكابىر شىنجاڭ ئاخبارات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىگىلىشىمچە، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى 2003 – يىلى 18 – دېكابىر گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى باشقۇرۇشىدا قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغان 10 يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئاخباراتچىلىقىدىكى ئۆتكۈر كۆز بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدىكى زور يېڭىلىقلارنى، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى يۈكسىلىشلەرنى ئەڭ تېز ۋە ئوبيېكتىپ خەۋەر قىلىپ، مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەڭ تورداشلارنى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ كەلگەن. 10 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىدا ھازىر 20 چوڭ سەھىپە، 100 دىن ئارتۇق كىچىك سەھىپە ئاستىدا رەڭدار، مول مەزمۇنلار تەسىس قىلىنىپ، كۈنىگە 300 پارچە خەۋەر – ماقالە، 200 پارچىگە يېقىن ھەرخىل سۈرەت يېڭىلىنىپ تۇرغان. ئۇنىڭ كۈندىلىك زىيارەت قېتىم سانى كۈنىگە 540 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.

  پائالىيەتتە يەنە تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ بۇ يىل ئېلىپ بارغان شىنجاڭدىكى «مۇنەۋۋەر ئانا»، «مۇنەۋۋەر ئاتا» لارنى توردىن باھالاشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، تۇرسۇن ھەسەن، شەمشىيە ئەبەيدۇللا قاتارلىق 20 نەپەر ئانا ۋە 20 نەپەر ئاتا مۇكاپاتلاندى.

  شۇ كۈنكى پائالىيەتتە يەنە شىنجاڭدىكى دېھقانلار ئاممىسى ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان ئۇيغۇرچە شىنجاڭ دېھقانلار تورىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىمۇ بىرگە ئۆتكۈزۈلدى.

  شىنجاڭ دېھقانلار تورى http://www.dihan.com.cn

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر