خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچىدە جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې-3 ۋەزىپىسىدىن خۇش خەۋەر كەلدى. چاڭئې-3نىڭ قونۇش ئاپپاراتى بىلەن چارلاش ئاپپاراتىبىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈرەتكە تارتتى، بۇ جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش-كونترول مەركىزىگە بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، گوۋۇيۈەنگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ۋاكالىتەن تەتقىق قىلىش ۋە سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. (سۈن شيۇيەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى