خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ چاڭئې-3 ۋەزىپىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ جىجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاڭئې-3 ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە «7 يېڭىلىق ياراتتى»، بۇ ۋەزىپىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئېلىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش» تىن ئىبارەت 2-قەدەمدىكى ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىنىڭ تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى 3-باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ، بۇ باسقۇچتا ئادەمسىز ئاپتوماتىك ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىش ئاساسلىق نىشان قىلىنىدۇ، چاڭئې-5 تەخمىنەن 2017-يىلى ئەتراپىدا قويۇپ بېرىلىدۇ. (ئۆز مۇخبىرىمىز يۈ سىلۈەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)