باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توققۇز ئورۇن مەملىكەت بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن شەرەپكە نائىل بولدى

تەن چاۋشياڭ

2013.12.17 13:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھەررىر ئىلاۋىسى:

  5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش بويىچە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش، سۆھبەت يىغىنى 6 – نويابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن توققۇز ئاساسىي قاتلام ئورۇن مەملىكەت بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن شەرەپكە نائىل بولۇپ، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ئىچىدە سان جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادكارلىقىنى قانداق ئۇرغۇتۇش ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئويلىشىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. ئاساسىي قاتلامدىكى بۇ توققۇز ئورۇن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا شەرەپ ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇللىرى ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئىشلىرىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىزدە بۇ توققۇز ئورۇننىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرى ۋە تەجرىبىلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى سەنداۋبا بازىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە 13 – نويابىر شادىيانە مۇزىكا ساداسى ياڭراپ، زىمىستاندىكى يېزا –قىشلاقلارنىڭ سەنئەت كەيپىياتىنى ئۇلغايتتى. مىچۈەن – كۆكتاغ رايونلۇق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتكە مەسئۇل كادىرى سەنداۋبا بازىرىدىكى مەدەنىيەت مەركىزىگە كېلىپ، بازاردا پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سەنئەت كۆرىكىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ياش سەنئەت ھەۋەسكارلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  سەنداۋبا بازىرىنىڭ سەنداۋبا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق لى مېيلەن مۇنداق دېدى: ‹‹2011 – يىلىدىن باشلاپ، بازارنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئۆزىمىز رېژىسىسورلۇق قىلىپ، ئۆزىمىز ئورۇنلىدۇق، ئورۇنلىغان نومۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسى›› مىچۈەن – كۆكتاغ رايونلۇق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – ساياھەت ئىدارىسى يېزا مەدەنىيەت بازىرىنى ئېچىش، يېزا مەدەنىيەت بازىسىنى مۇستەھكەملەش، يېزا ئاساسىي قاتلىمىغا مەدەنىيەت ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىشتەك يېڭى يېزا مەدەنىيەت بازىرىنى باشقۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، يېزىدىكى ئىشتىن سىرتقى بۇ ئارتىسلارنىڭ نومۇرلىرى كۈندىن – كۈنگە سەرخىللىشىۋاتىدۇ. مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدا يېزا نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، زور مەدەنىيەت بايلىقىغا ئىگە. بۇ بايلىقلارنى تېخىمۇ نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بايلىقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى بويىچە يەتتە يېزا – بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ رولى بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ياخشى جارى قىلدۇرۇلغان.

  ھازىرغىچە، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدا كەنت ئاھالىسى ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئۆزى ئورۇنلىغان نومۇرلار 100دىن ئاشىدۇ، بۇ يىل سەنداۋبا بازىرىدىكى كەنت ئاھالىسى ئىجاد قىلغان ناخشا – مۇزىكىلار ئون نەچچىگە يەتتى.

  چاڭشەنزى بازىرى مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدىكى ‹‹گۈل›› سەنئىتىنىڭ بۆشۈكى. بۇ خىل ھازىر جاۋاب ئىجادىيەت ۋە ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقالغان ئەلنەغمە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە تارقىتىش مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى.

  ‹‹سىڭلىم خۇاخۇا›› ناملىق كىنو بۇ يىل 9 – ئايدا مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدا لېنتىغا ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭنىڭ ‹‹گۈل›› سەنئىتى ھەققىدىكى تۇنجى فىلىم. بۇ كىنودا ‹‹گۈل›› سەنئىتى ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايە بايان قىلىنغان.

  مىچۈەن – كۆكتاغ رايونلۇق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – ساياھەت ئىدارىسى 2007 – يىل 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، نازارەت قىلىش بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېزا مەدەنىيەت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇردى ھەم مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىنىڭ ‹‹شەھۋانىيىلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش›› رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەتنىڭ يېزا مەدەنىيەت بازىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

  ھازىر، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدا ئۈچ يېزا تورخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 67 تورخانا، 29 ئۈن – سىن دۇكىنى، بىر يېزا ئۈن – سىن دۇكىنى، 28 كىتابخانا، بىر يىزا كىتابخانىسى، يېزا – قىشلاقلاردا ئون مەدەنىيەت بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئون ئائىلە بار.

  بۇ يىل مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەدەنىيەت مىنسىتىرلىقى، دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا مەدەنىيەت ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلارنى باھالاشتا، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونلۇق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – ساياھەت ئىدارىسى ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا ئاپپاراتلىرى بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر